ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىق مەسىلىسى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىدۇ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسپەتەن، جەمئىيەت بىسىمى،كەمسىتىىلىش،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسى،دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى قاتارلىق بېسىملار تەسىرىدە، تەشۋىشلىنىش،ئەنسىرەش،قورقۇش،ئازاپلىنىش،دەرت-ئەلەم چىكىش قاتارلىق روھى ساغلاملىق جەھەتتە مەسلە كۆرۈلۈش نىسپىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا يۇقۇرى كېشىلار توپى ھېساپلىنىدۇ. تەتقىقاتتىن كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %50-%70 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ھەرخىل روھى مەسسىللىرى ئەۋجۈت بولىدىغان بۇلۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى داۋالىشىنىڭ تەسىرى كۈچى ئېتىبارسىز قارىلىپ قالىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىر خىل باشقۇرغىلى بولىدىغان «سوزۇلما خارەكتىرلىك» كېسەل بۇلۇپ مقېلىشىغا ئەگىشىپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىق مەسىلىسى دېققەتنى قوزغىماقتا.
نورمال كىشىلەر ئارىسىدىمۇ روھى ساغلاملىق مەسىلىسى مەۋجۈت بولسىمۇ، كېلىنكىلىق ئىپادىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ،بىراق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى روھى ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدە خەتىرى بولىدۇ:
1.روھى ساغلاملىق مەسىلىسى مەۋجۈت ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تۇنۇش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بۇلۇپ،ئاسانلا خەتەرلىك قىلمىشلار كىلىپ چىقىدۇ ، مەسىلەن، ھاراق ئىچىش،زەھەر چىكىش، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت. بۇنداق خەتەرلىك قىلمىشلار ئىمۇنىتىت سېستىمىسىنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي،ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.پاسسىپ كەيپىيات ۋە روھى ھالەتتىكى جىددىي ئىنكاس بەدەندىكى نورمالسىزلىق ۋە ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.داۋالاش جەھەتتىكى ماھىللىققا تەسىر كۆرسىتىپ، داۋالاش سۈپىتىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان روھى مەسىلىلەر:
1.تەشۋىشلىنىش:
كۆپ تەرلەش تەشۋىشلىنىش، يۈرىكى تېز سوقۇش،ئەنسىرەش، ئۇيقۇسىزلىق باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2.دەرت-ئەلەم چىكىش :
ھارغىنلق، ماغدۇرسىزلىق، مۇگدەش ،قىزغىنلىقى يوقاش،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھەتتا ئۆلىۋىلىش ئىدىيىسى شەكىللىنىدۇ.
3.خۇمار بۇلۇش:
ھاراق ئىچىش،زەھەر چىكىش،خۇمار بوپ قىلىش،بۇنداق خەتەرلىك قىلمىشلار ئىمۇنىتىت سېستىمىسىنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، داۋالاش جەھەتتىكى ماھىللىققا تەسىر كۆرسىتىپ، داۋالاش سۈپىتىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4.ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇلىرى
نېرۋا ھۆجەيرىسىنىڭ زەخمىلىنىشى سەۋەپلىك، مېڭنىڭ رولىنى تەڭپۇڭسىزلاندۇرىدۇ، كېلىنكىلىق ئىپادىلىرى، ئىنكاسى تۆۋەنلەش،دېققىتىنى يىغالماسلىق، ھەرىكەت ئىقتىدارى چىكىنىش،كەيپىياتى ۋە قىلمىشى بىنورمال بۇلۇش.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر