خوتۇن بىلەن پاھىشەلەرنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىغا، تۆۋەندىكى پۇقرالار ئارىسىغا، ئائىلە ئاياللىرىغا تارقىلىش ۋەزىيىتى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولىۋاتقاچقا، ھەم تارقىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقىلىشى ھەممىدىن ئېغىر ھالەتتە كۆرۈلىۋاتقاچقا، كەڭ ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا ۋاكالىتەن تۇرپان توقسۇن ناھىيىسىگە بېرىپ، ناھىيە بازىرى، شاھ يېزىسى، غولبۇيى يېزىسى، ئىلانلىق بازىرى، بوستان يېزىسى، كۆجەي بازىرى، كۈمۈش بازىرى، ئالغۇي بازىرى ھەم توقسۇن ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ (تولۇق ئوتتۇرا) قاتارلىق ئورۇنلاردا 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە تۆت كۈن توققۇز مەيدان ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدىم. ھەر بىر مەيدان لېكسىيە نەچچە يۈز ئادەمدىن نەچچە ئون ئادەمگىچە بولدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈمۈش بازىرىغا، ئالغۇي بازىرىغا بېرىش ھەم ئۈرۈمچى شەھرىگە قايتىش ئۈچۈن بىر كۈندە 500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول مېڭىپتىمەن. لېكسىيەگە بەزى يېزا-بازارلاردا شۇ يېزا-بازارلاردىكى كادىر-خىزمەتچىلەرلا قاتناشتى. بەزى يېزا-بازارلاردا دېھقانلار، مەسچىت جامائىتىگە ئايلانغان بوۋايلار، ئائىلە ئاياللىرى دېگەندەك ھەرقايسى ساھەدىكىلەر قاتناشتى.
توقسۇن ناھىيىسىدىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان نەچچە يۈز ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەكسان پىرسەنتتىن كۆپى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغانلار ئىدى. بۇنىڭدىن نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا قالايمىقان مۇناسىۋەت قىلىدىغانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. توي قىلماي تۇرۇپ تويدىن كىيىنكى مۇناسىۋەتنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلار، ھەمرايىغا ساداقەتسىزلىك، ساختىپەزلىك قىلىپ قىلىپ، ھەمرايىم كۆرمىدى-ئاڭلىمىدى دەپ باشقا ئەر-ئاياللار بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلار ، شۇنداقلا بىر ئەر كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن بىللە بولىدىغان، بىر ئايال كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولىدىغان، بىر ئەر بىر ئايال بىر-بىرسىنىڭ جىنسى تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالايدىغان نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي، ئادەملەرنىڭ خۇددى ھايۋانلارنىڭ قىلىقىنى دوراپ ھايۋانى نەپسىنى كىم ئۇدۇل كەلسە شۇنىڭدىن قاندۇرىدىغان، باشقىلاردىن ئاشقان-تاشقان پاھىشە-پاھىشىۋازلاردىكى مەينەتچىلىكتىن-پاسكىنچىلىقتىن نومۇس ھېس قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت مانا مۇشۇنداق ئەيدىزگە ھامىلدار قىلىۋاتمامدۇ!...
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئەرلەر توي كېچىسى خوتۇنىنىڭ قىز چىقىشىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيىدۇ. توي كېچىسى قىز چىقمىغان، قىزلىقىنى باشقىلارغا بىرىۋەتكەنلەرنىڭ توي كېچىسى بەختتىن مەھرۇم قالىدۇ، ھەتتا ئەتىسى قىزغا تۆشۈك ناننى قولتۇقلىتىپ قۇيۇپ تويلۇقنى قايتۇرۇپ، نىكاھنى بىكار قىلىپ ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەرلەرنىڭ قىز-ئاياللارغا قۇيىدىغان تەلىپى قاتتىق بىر مەدەنىيەتتە، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ پاھىشە-پاھىشەخانىلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈشى مەيدانسىزلىقنى نامايەن قىلىپ بىرىدىغان بىمەنىلىكتۇر. دېمىسىمۇ، نىكاھلاپ ئۆزى يالغۇز ئالغان خوتۇن بىلەن كوچىدىكى پاھىشىۋازلارنىڭ ئوپچە خوتۇنى بولغان پاھىشەلەر ئەلۋەتتە پەرقلىنىدۇ. ئەمما، بۇ پەرقنى بىلمەيدىغانلار قانداق ئادەملەردۇ-ھە!
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتقان قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئاساسەن نىكاھ سىرتىدىكى مۇناسىۋەت قالايمىقانچىلىقى بولۇپ، نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلاردىن نىكاھ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ تارقىتىۋاتقانلار بىگۇناھ ئانا-بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا.
نىكاھ تارىختىن بۇيان قالايمىقان قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توسۇش ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۇشۇ مۇقەددەس مەدەنىيەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلارغا ئەيدىزدىن ئىبارەت ساقايماس كېسەل جازاسى سوغا قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىمۇ ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار جىنسىيەت قالايمىقانچىلىقى كوچىلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈشمەكتە. ئەيدىزنىڭ قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھازىرمۇ بارلىقى جەمىيىتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۆپ خىل يوللار ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
شۇڭا، چوڭلار ياشلارنى، يۇرت-مەھەللە ئۆز پۇقرالىرىنى ھەرقاچان-ھەرزامان ئەيدىزنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويمىغۇدەك ھالەتتە تەلىم-تەربىيەگە ئىگە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەيدىز توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشتىن، ئائىلىدە بالىلارغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگىتىشتىن قورقماسلىقى كېرەك. ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نۇرمالنى جەمىيەت تەربىيىسىگە ئايلىنىش كېرەك.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق خاتا قىلمىشنىڭ جازاسى بولماي قالمايدۇ. ئەخلاقسىزلىق خارلىنىشىنى ھەم كەمسىتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋالدىم، ئوينىۋالدىم، ھوزۇرىنى سۈرىۋالدىم دېگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمىگەنلىكلىرى بولۇپ، «ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي» دېگەندەك، توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللانغان قىلمىش مانا مۇشۇ يۇقۇملۇق ھەم ساقايماس ئەيدىزدەك ئويلىمىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر