بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقۇملىنىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاۋسترالىيەلىك ساياھەتچى بەدىنىگە گۈل چېكىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندى
ئاۋسترالىيە سەھىيە تارماقلىرى  ئاۋسترالىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان بالى ئارىلىدا، بەدىنىگە گۈل چېكىش سەۋەبى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى.

غەربىي ئاۋسترالىيە سەھىيە تارمىقى «بارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئىسپاتىنىڭ ھەممىسى (بىمار) نىڭ بالى ئارىلىدىكى بەدەنگە گۈل چېكىش كەچۈرمىشىدۇر»دەپ كۆرسەتتى، ئەمما بىمارنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاشكارىلىمىدى.

سەھىيە تارمىقى بالىي ئارىلىدا بەدەنگە گۈل چەككەنلىكى كىشىلەر بولسا تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

غەربىي ئاۋسترالىيە شتاتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەمەلدارى پائۇل ئامستروڭ:«بۇ بىر مىسال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، چەتئەلدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ساغلاملىققا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر تەھدىتنى پەيدا قىلىدۇ»دەپ كۆرسەتتى.

سەھىيە تارماقلىرى، ئادەم بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاسانلا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ-دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇلتۇر بالى ئارىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، يۇقۇملىنىش مىسالى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %19 كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر