ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىز كىسىلىنى ئادەتتە ئەيدىز ۋىروسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ۋىروس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋىروس ئادەتتە بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ئۇ كۆپەيگەندە ئاساسلىق بەدەندىكى CD4 دەپ ئاتىلىدىغان ئىممونىت ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە شوڭغۇپ كىرىپ، شۇ ھۈجەيرىنىڭ ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، ئاشۇ ھۈجەيرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز سانىنى ئاۋۇتىدۇ. تۆۋەندە ئەيدىز ۋىروسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سانى ۋە ئىممونىت ھۈجەيرىسىنىڭ سانى شۇنداقلا، بەدەندە بولىدىغان ئۆزگۈرۈشلەرنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىپ ۋىروس بەدەنگە كىرگەندىن كېيىنكى 2-3 ھەپتىدە شۇ ئادەمدە جىددى خاراكتىرلىق ۋىروستىن يوقۇملانغاندەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يەنى بەدەن قىزىش (%96 ئادەمدە كۆرىلىدۇ)، بويۇن ۋە يىرىقتىكى بەزلەر ئىششىش (% 74 ئادەمدە كۆرىلىدۇ)، يوتقۇنچاق ياللۇغى (%70)، تاشما (%70)، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار ئاغرىش (%54)، ئىچى سۈرۈش (%32 ئادەمدە كۆرىلىدۇ) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ سانى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىز ۋىروسى ئۆزى كۆپىيىش بەدىلىگە ئىممونىت ھۈجەيرىسى (CD4)نى خورىتىدۇ-دە، ئۇنىڭ سانىنى تىز سۈرئەتتە ئازلىتىدۇ. يۇقارقى ئالامەتلەر 2-3 ھەپتە داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۆزلىگىدىن ياخشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا يوقۇملانغىلى 4-6 ھەپتە ئۆتكەن بولىدۇ-دە، بەدەندە ئەيدىزگە قارشى ئانتىتىلا شەكىللەنگەن ۋە شۇ ئارقىلىق قان تەكشۈرسە بايقىغىلى بولىدۇ (ئەيدىز تەكشۈرۈشنىڭ پىرىنسىپى دىگەن تىمىدىن تەپسىلى مەلۇماتىنى كۆرۈڭ ). بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ سانى بەدەندىكى T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشى بىلەن بەلگىلىك مىقداردا ئازلايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن كېسەللىك يۇشۇرۇن باسقۇچقا كىرىدۇ، يوقۇملانغۇچىدا ھىچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن قان تەكشۈرتسە، ئەيدىزدىن يوقۇملانغانلىقى چىقىدۇ. بۇ جەريان تەخمىنەن 7-8 يىللار داۋاملىشىدۇ. 8-9 يىللاردىن كېيىن بەدەندىكى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۆۋەنلەپ 300 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ، يوقۇملانغۇچى ئاستا-ئاستا ئەيدىز كىسىلى دەۋرىگە كىرىدۇ-دە، ھەر خىل پۇرسەتپەرەسلىك يوقۇملىنىشلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر يەنە داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بارمىسا، يوقۇملانغۇچى ھەر خىل پۇرسەتپەرەسلىك يوقۇملىنىشلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.
ئادەتتە يوقۇملانغۇچىنىڭ CD4 ھۈجەيرىسى تۈۋەنلەپ 350 ئەتراپىغا يەتكەندە، ۋىروسقا قارشى دورا يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. چۈنكى CD4 ھۈجەيرىسى 350 تىن يوقۇرى چاغدا، ھەر خىل پۇرسەتپەرەسلىك يوقۇملىنىشلارغا ئاساسى جەھەتتىن بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچى تاقابىل تۇرالايدۇ-دە دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. لېكىن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە CD4 يوقۇرىراق چاغدىمۇ دورا ئىشلىتىپ ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىروسنىڭ بالىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى چەكلەش تەشەببوس قىلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر