ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ۋە تارقىلىش يوللىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
      
ب د ت پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 1981-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا كەلگىچە، AIDS 30 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، دۇنيادا ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
پۈتۈن يەرشارىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى كۈنىگە تەخمىنەن 7000 كىشىگە يەتتى
2011-يىلى6-ئايغىچە تەخمىنەن 64 مىليون كىشى HIV دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، يېڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 7000 دىن توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگودا تەخمىنەن 780 مىڭ كىشى HIV دىن يۇقۇملانغان.
1985-يىلى6-ئايدا، ئارگېنتىنالىق ساياھەتچىدىن تۇنجى HIV ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، بىمار بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىدا كېسىلى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
1989-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا HIV دىن يۇقۇملامغۇچىنىڭ سانى 172 گە يەتكەن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى زەھەر چەككۈچىلەر ئىدى.
2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقى، ب د ت پىلان مەھكىمىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ ئېلان قىلىشىچە، جۇڭگودا HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلارۋە بىمارلارنىڭ سانى 650 مىڭغا يەتكەن.
2007-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 700 مىڭ كىشىگە يەتكەن.
2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 780 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار %28.6 نى ئىگەللەيدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نىڭ تارقىلىش ئۇسۇللىرى
780مىڭHIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە، زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش نىسبىتى %28.4 نى، قان تەقدىم قىلىش ۋە قان سالدۇرۇش داۋامىدا يۇقۇملانغۇچىلار %6.6 نى، يات جىنىسلار ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى %46.5 نى، ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى %17.4 نى، ئانىدىن بالىغا بولغان يۇقۇش نىسبىتى %17.4 نى ئىگەللەيدۇ.
خەلقئاراغا تونۇلغان ئەيدىزنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى گاۋ ياۋجيېنىڭ قارىشىچە، ئەيدىز جۇڭگودا ئاساسلىقى قان تەقدىم قىلىش ۋە قان سېلىش يوللىرى ئارقىلىق كۆپ تارقىلىدىكەن.
2011-يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تەخمىنەن 48 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىش يۇقۇملانغۇچىلار %18.0 نى، يات جىنىسلار ئارىسىدا تارقىلىش نىسبىتى %52.2 نى، ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى %29.4 نى، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %0.4 نى ئىگەللەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى يات جىنىسلار ئارىسىدا تارقىلىش نىسبىتى، ئەر-ئايال مۇناسىۋېتىدىكىلەر 4/1 نى، ئەر-ئايال مۇناسىۋېتىدە ئەمەسلەر 4/3 نى ئىگەللەيدىكەن.
ئەيدىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى تارقىلىش ئومۇمىي ئەھۋالى رەسىمى
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى
ئاساسلىقى ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغۇچىلار، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر، جىنىسي مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىكى يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىشلار
ئەرھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ــــــــ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %87.
پاشىۋازلىق، بۇزۇقچىلىق قىلىش داۋامىدا گاندون ئىشلەتمەسلىك ـــــــــ يۇقۇش نىسبىتى %32.
شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ـــــــ يۇقۇش نىسبىتى%26.
بىر قېتىمدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى (ئامېرىكىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ ھېسابلاپ چىققان سانلىق مەلۇماتىنى ئۆرنەك قىلدۇق)
قان سېلىش ــــــ يۇقۇش نىسبىتى %90 .
يەڭگىش(ھامىلىگە يۇقتۇرۇپ قويۇش) ــــ يۇقۇش نىسبىتى %25.
شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ـــــ يۇقۇش نىسبىتى %0.67.
يىڭنە سانجىش ـــــ يۇقۇش نىسبىتى %0.30.
مەقەت جىنسىي مۇناسىۋېتى قىلىنغۇچى ـــــ يۇقۇش نىسبىتى %0.50.*
مەقەت جىنسىي مۇناسىۋېتى قىلغۇچى ـــــ يۇقۇش نىسبىتى %0.065. *
جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال تەرەپنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.10. *
جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەر تەرەپنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.05. *
«*»بەلگىسى گاندون ئىشلەتمىگەندىكى ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدۇ.
ياشانغان ئەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشتى.
60ياشتىن يۇقىرى بولغان ياشانغان ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2005-يىلدىكى %5.4تىن، 2011-يىلدىكى %11 كە ئۆرلىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2006-يىلدىكى %0.96 تىن، 2011-يىلدىكى%1.64 كە يەتكەن.
دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ.
زىيارەت قىلىنغان %76 بىمارلار ئۆزلىرى ۋە ئائىلەت تاۋابىئاتلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
زىيارەتقىلىنغان %14.8 بىمارنىڭ خىزمەتكە چىقىشى رەت قىلىنغان.
%9.1بىمارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ (پەرزەنتلىرىمۇ يۇقۇملانمىغان دەپ كىم ئېيتالايدۇ دېگەنخاتا قاراش بىلەن ) مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى رەت قىلىنغان.
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ــــ ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئۇلارمۇ غەمخورلۇققا، ھېسداشلىققا مۇھتاج، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ كەمسىتمەيلى. پەقەت ئەيدىز كۈنىدىلا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى يادىمىزغا كەلتۈرمەي، ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ، ھۇشيارتۇرۇپ، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، گۈزەل ئەخلاق قارىشىنى تىكلەپ، ئەيدىزنىڭ تېزسۈرئەتتە يامرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشماي، مۇشۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ ھەسرەت چېكىۋاتقان بىمارلارنى، ئۆزىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ۋەپەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتكە بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر