• يېڭى ماقالىلەر

مارۇژنا يېيىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ئۇلارغا مېھرىمىزنى بېرەيلى .
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار ئىشەنچىڭلارنى يۇقاتماڭلار، دولەت، جەمىيەت سىلەرنى تاشلىغىنى يۇق. سىلەرگە كۆڭۈل بولدىغان كىشلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىگە ئىشىنىڭلار .
ئۇ يولدىشىمغا يىراق تۇققان كېلەتتى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا بىر تەرەپتىن تېنىپ شۇركەنسە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالغان ئىدى. ھەر قېتىم يۇرتقا بارغاندا ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلىشتىن قاچاتتىم. لېكىن يولدىشىم پۇرسەت بولسىلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ھال-مۇڭ بولۇپ كېلەتتى. بىر قېتىم يولدىشىم ئۇنىڭدىن بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكىنى كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: «مۇشۇ كېسەل چاپلاشقاندىن بېرى. ياتلار ئەمەس تۇققانلارمۇ مەندىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يالغۇسىراپ كېتىۋاتىمەن، كېيىم –كېچەك تىجارىتىممۇ ياخشى ئەمەس» دەپتۇ. يولدىشىم ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ تەسەللى بېرىپتۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆز قوراسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قايتىدىن تىجارەت قىلىشىنى، ئاتا كەسپى يەرلىك مارۇژنا ياساپ بازارغا سېلىشىنى، يۇقۇملۇك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىگەن دورىلىرىنى ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلاپ ھەم مەدەت-ئېلھاملارنى بىرىپ قايتىپ كەپتۇ.
يىل ئورۇلۇپ ھېيتتا يۇرتقا باردۇق، تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىنى پەتە قىلىش باشلاندى. مەن يولدىشىمغا ئېنىق ئېيتالمىساممۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلماسلىق ئۈچۈن تاپقان يالغان-ياۋىداق سەۋەپلىرىم كارغا كەلمىدى. يولدىىشىم ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى ئىدى. سودىسى يۇرۇشكەن بولۇپ ئۇنىڭ ياسىغان مارۇژنىلىرى بازار تېپىپ توپ تارقىتىلىۋاقان ئىكەن. ئىشىك ئالدىدىكى دۇكىنىدىمۇ مارۇژنا يەۋاتقانلار كۆپ ئىدى. يولدىشىم بالىلىرىم مارۇژنىنى ماختىشىپ يېيىشكە باشلىدى. مەن زۇكامداپ قاپتىمەن، سوغۇغ نەرسە يىمەي دەپ يىمىدىم. يولدىشىم مېنىڭ نېمىشقا يېمەيدىغانلىقىمىنى سىزىپ بولغان ئىدى. ئۇ بىر ئىستاكان مارۇژنىنى ماڭا سۇنۇپ:
-يەۋە، پايدا قىلىدۇ،- دېدى.
مەن يولدىشىمنىڭ ماڭا سانجىلغان نەشتەردەك كۆزلىرىدىن ئەيمىنىپ، زەھەرنى قولۇمغا ئالغاندەك قورقۇپ تۇرۇپ مارۇژنىنى قولۇمغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم. كۆزۈم ئۇنىڭغا ۋە ئايالىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ بايىقى مىسكىن ھالىتى يۇقاپ كۆزلىرىدىن نۇر چاقىنىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ يۈرۈكىم قاتتىق ئېچىشىپ كەتتى. يولدىشىمنىڭ چىرايىدىمۇ كۈلكە پەيدا بولغان ئىدى. مەن يەنە بىر ئىستاكان مارۇژنا يېيىش ئۈچۈن ئىستاكاننى ئۇنىڭغا سۇندىم. ئىككىنجى ئىستاكان مارۇژنىنى مەن بەكمۇ راھەتلىنىپ يىدىم. مەندىكى بىسەرەمجانلىق نەگىدۇر كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كەچلەپ قالدۇق، ئايالىنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن لەغمىنىدىن ئېغىز تېگىپ قايىتتۇق. بىز قايىتقاندا ئۇلار خېلى يولغىچە كەينىمىزدىن ئۇزۇتۈپ چىقىتى. بىز كېلەر يىلى يەنە مېمھان بولۇپ كېلىدىغانلىقىمىزنى، چۈشكۈنلەشمەي مۇشۇ پېتى نورمال ئادەمدەك ياشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق. مەن ھېسلىرىمنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر تاغنىڭ غولاپ چۈشكىنى، يەڭگىللەپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
بىز ئەيدىزنىڭ نورمال مۇناسىۋەتتە يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ بەزىدە مەندەك خاتالىقلارغا يول قويۇپ قالدىكەنمىز. ئەيدىز كېسەللىرىمۇ باشقا كېسەللەرگە ئوخشاش بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە، چۈشۈنىشىمىزگە مۇھتاج. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ ئۇلارغا مېھرى مۇھەببىتمىزنى يەتكۈزەيلى .
كەيپىياتىڭىزدىكى چۈشكۈنلىك سىزىنى نابۇت قىلىدۇ. سىز ئاغرىق ئەمەس سىز نورمال كىشى. ئۆزىڭىزنى بىسىپ تۇرغان يۈكنى تاشلاشقا ھەركەت قىلىپ گۈزەل كەلگۈسڭىزنى يارىتىڭ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر