• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى بەدەننىڭ مىتاپولىزىمى ۋە يىمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىدا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئامىللارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بىمار سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنىڭ پاسسىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، تۆۋەندە بىز ئەيدىز كىسىلى بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1-ئەيدىز بىمارلىرى ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز كىسىلى بىمارلىرى دورا بىلەن داۋالىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكتىپ ھالدا ئوزۇقلىنىش كېرەك. ئاكتىپ ھالدا ئوزۇقلىنىشتىكى مەقسەت بەدەندىكى ئاقسىل ماددىسىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمونىتىت كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زۆرۆر بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قىلىش.
پالەك، سۇڭ پىياز، زەيتۇن مېيى گەرچە ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر بولسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىن ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولىدىغان دورىغا ئايلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبى ئافرىقىنىڭ بۇ دورىدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇخىل يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىمونىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك بولغان.
2-ئەيدىز بىمارلىرى سوغۇق ،خام، مايلىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ ئىچ سۈرۈشتىن ساقلىنىش
ئاستا خارەكتىرلىك ئىچ سۈرۈش ئەيدىز كىسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان ئاساسلىق ئامىل بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بېمارنىڭ ئۆمرى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بىمارغا قارىغاندا قىسقا بۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ سۈرۈشنى ئازلىتىپ، يىمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئاشۇرۇش بىمارنىڭ بەدەن ئېقىرلىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ھېساپلىنىدۇ .
قەرەللىك ھالدا ۋىتامېن ۋە مېنرال ماددىلارنى تۇلۇقلاپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى كۆپەيگەندە، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئامال بار ئاز ئېستىمال قىلىش كېرەك، مېۋە شەربىتى، شوخلا شەربىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋىتامىن تۇلۇقلاش لازىم. سۇ تۇلۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى ئىچ سۈرۈش سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداق ۋاقىتتا ئادەتتىكىدىن ئۈچ-تۆت ئىستاكان كۆپ سۇ ئىچىش لازىم، تەركىبىدە كالىي ئىلمىنتى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن بانان، تاتلىق بەرەڭگە، بېلىق ۋە گۆش قاتارلىقلار. بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ ئىچ سۈرۈشكە پايدىسى بار، مەسىلەن ئاق گۈرۈچ ئاش، ئاق ئاش، ئاق بولكا قاتارلىقلار. ئەگەردە قورساق كۆپۈپ قالسا پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
3-ئەيدىز بىمارلىرى كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسقاندا، تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش كېرەك
يۇقۇملىنىش ۋە دورىلار ھەممىسى قۇسۇش ۋە ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئاز يىسە ياكى يىمىسە بۇھالەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا دوختۇرغا كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدىغان دورا يازدۇرۇپ ياماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىۋىلىش كېرەك. ئامال بار قاتتىق-قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، مەسىلەن قۇرۇق ھورنان، قۇرۇق بولكا، پىچىنە قاتارلىق. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يىيىش. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. سۇزۇك شورپا ئىچىپ بېرىش. تاماقتىن كىيىن دەرھال يېتىۋالماسلىق، ئەڭ ياخشىسى بىر سائەت ئارلىق قۇيۇش، ئەگەردە ماغدۇرى بولمىغاندا يۆلىنىپ ئولتۇرۋىلىش . تاماقتىن كىيىن كىيىم-كىچەكنى بوشىتىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش لازىم ، ئەگەردە مەلۇم يېمەكلىكنىڭ پۇرۇقىنى پۇرىغاندا كۆڭۈل ئېلىشسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ يىمەكلىكنى يېمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەردە مەلۇم يېمەكلىكنى دۈملەپ پۇشۇرغاندا ئامال بار بىمار پۇرالمىغۇدەك ئارلىقتا دۈملەش. ئاز مىقتار كۆپ قىتىم ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش. ئاچچىق-چۈچۈك، يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك ھەمدە تەركىبىدە كوففېىن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر