
ئادەمنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن سالامەتلىكى ناچارلايدۇ، بەزىلەر خىزمەتتە چارچاشتىن ئاغرىپ قالىدۇ ، يەنە بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بەزەن ئىش-ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئاغرىپ قالىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش-ھەرىكەتلەر سالامەتكىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولىدۇ.مەسىلەن ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش دېگەندەك، كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشى بەزىدە ئۇلارغا كېسەللىك يۇقتۇرىۋېلىش خەۋىپى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسى قوغداپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاسان كېسەل بولمايدۇ، شۇنداقلا كېسەل بولۇپ قالغاندىمۇ ئاسان ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بەدىنىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئوخشايدۇ.
بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك،ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.بۇ يەنە ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە راكقا قارشى تۇرىدىغان ھەر خىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىدىغىنى مانا مۇشۇ ھۈجەيرىلەر. ۋىرۇس ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ-دە، ئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئىگەللەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدىغان يېتەرلىك مىقداردىكى يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ يەنى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلار يۈز بېرىدۇ .
بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تەخمىنەن 50-80% ئادەمدە زۇكامدىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى قىزىش، يۆتىلىش، بەدىنىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتنى جىددىي خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى دەپمۇ ئاتايمىز.
ئاندىن كېيىن ، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەي ئىنتايىن ساغلامدەك كۆرۈنىدۇ،بۇ مەزگىل ئۇزۇن بولۇشىمۇ قىسقا بولۇشىمۇ مۇمكىن، قىسقىلىرىنىڭ بىر-نەچچە ئاي، ئۇزۇنلىرىنىڭ بولسا 15يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.بىراق كۆپىنچىلىرىنىڭ تەخمىنەن 8يىل بولىدۇ.بۇ مەزگىلدە گەرچە كېسەللىك ئالامىتى بولمىسىمۇ ۋىرۇس ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا ئىنتايىن پائالىيەتچان بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلنى ئالامەتسىز مەزگىلى دەپمۇ ئاتايمىز.
ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىشىغا ئەگىشىپ يۇقۇملانغۇچىدا ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى مەسىلەن:ئېغىز بوشلۇقى ۋە جنسىىي يولنىڭ باكتېرىيىدىن يوقۇملىنىشى، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، قىزىش، سوغۇق تەرلەش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار . بۇ مەزگىل ئالامەتلىك مەزگىل دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ مەزگىل يەنە ئەيدىز بىمارىغا تەرەققىىي قىلىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى بولسا مەلۇم خىل يۇقۇملىنىشتىن ياكى ئىممۇنىتېت سېستىمىسى HIVنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ھەر خىل ئۇنۋېرسال ئالامەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ نەتىجىسى.بۇ خىل يۇقۇملىنىش پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دېيىلىدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دېگىنىمىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن ئاجىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئادەم تېنىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدىغان كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ.ئادەمدە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ياكى راكقا ئوخشاش كېسەللەر كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا ئەيدىز بىمارىغا تەرەققىي قىلىپتۇ دېيىشكە بولىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر تۇبېركۇليۇز، ئۆپكە سىپورىلىق قۇرتى مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلاردۇر.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپى
- كېيىنكىسى : ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 12 تۈرلۈك پرىنسىپ
ئەيدىزنىڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىنى بىلەمسىز؟ نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر يوشۇرۇن مەزگىلىدە ھېچقانداق ئۆزى سەزگۈدەك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كې
ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى تۆت تەكلىپ، ئىككى ئىلتىماس شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆ
پىرىماتلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىكىدىن ئەملىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار ئىكەنلىكى بايقالدى پىرىماتلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىكىدىن ئەملىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار ئىكەنلىكى بايقالدى cnBeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تەتقىقاتچىلار غەربىي ئافرىقىدا بىر خ
ئەيدىزگە گىرىپتار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىزگە گىرىپتار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى سىنىقى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە باشلىنىدۇ شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ 24-يانۋار ۋاشىڭگىتوندىن بەرگەن تېلگىرا
«مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى نۇر تورى تەرجىمىسى. يۇتقىلى بولىدىغان، ئاشقازاندا تۇرۇپ ئۇدا نەچچە كۈن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىرىكمە دورا قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر خىل مىكرو دورا قۇتىسى كەشىپ قىلىند
