• يېڭى ماقالىلەر

19-15 ياش ئارىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

پۈتۈن يەر شارىدا 35 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىليون 100 ئۆسمۈر ( 19-10 ياش ئارىلىقىدا ) بار. ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ مەزگىلدە ئالاھىدە بىر خىل جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى ئۆتكۈنچە دەۋىردە تۇرىدىغان بولۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياش ئۆسمۈرلەر ئاسانلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. كۆپلىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەرگە تارقالغان. 2013- يىلى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.19-15 ياش ئارىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا ئايلاندى. « ياشلىق باھاردىكى ئەيدىز » ناملىق بىر مەيدان جامائەت پاراۋانلىق ھەرىكىتىدە جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىز كېىسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە دوكلات قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلار 5 ئۆلكىگە تارقالغان. ئەمما بۇ يىل پەقەت 10- ئايغا كەلگۈچىلا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار سانى 100 دىن ئېشىپ، 10 ئۆلكىگە تارقالدى. بېيجىڭمۇ بۇ جايلار قاتارىغا كىردى. ياشلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش مەسىلىسى جۇڭگودا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. « 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەر يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى توختىماي ئېشىۋاتىدۇ، بۇ دۆلىتىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىز كېىسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭنىڭ :- نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 دىن ئارتۇق ئۆلكىدە دوكلات قىلىنغانلار بار، ئەڭ كىچىك يۇقۇملانغۇچى 14 ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوغۇللار- دېدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر