دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن بولغان كۈرىشى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز بىمارى پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە يىل بولدى. مۇشۇ جەرياندا كىشىلەر توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.
ئالاقىدار تارماقلار پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئەلۋەتتە، مالاۋىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. 15 مىليون نوپۇس ئىچىدە %90 مالاۋىلىقلار ئەيدىزگە قارىتا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە. بۇ خىل كېسەلنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى داۋالاشقا نەچچە مىليون دوللار مەبلەغ سېلىندى. ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم قۇتقۇزۇش تارماقلىرىمۇ بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
بەزى ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئون يىل ئىچىدە ئەيدىزنى تەل-تۆكۈس داۋالىغىلى بولارمىش. خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دىنىي تەشكىلاتلار ئۆز مۇرىتلىرىنى ئەيدىز بىلەن توختاۋسىز جەڭ قىلىشقا چاقىرماقتا.
ئەيدىز كېسىلىگە قارشى پائالىيەت شۇنچە كۈچىيىۋاتسا، بۇ خىل كېسەل يەنە نېمە دەپ داۋاملىق تارقىلىدۇ؟
ئادەمدە ئېتىقاد بولۇشى كېرەك.
Mchinjiرايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مالاۋى مەركىزى ئىسلام ئاياللىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئەر-ئاياللار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. نۇرغۇن خىرىستىيان مۇرىتلىرى مۇنداق دېدى، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىنجىلدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ مۇسۇلمانلار مۇنداق دېدى، ئاللاھ ئىگەم «قۇرئان»دا دۇنيادىكى بارلىق ھەقىقەتلەرنى تىلغا ئالغان.
‹قۇرئان› بىزگە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىزمۇ بار. بىز ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ‹قۇرئان›دا دېيىلگەنلىرىنى تارقىتىش، ھەمدە باشقىلارغا بۇ ۋابادىن قانداق ساقلىنىشنى ئۆگىتىش. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى Khadijah Hamdan ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ دىن ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. بىراق، ئەيدىز يەنىلا مۇسۇلمانلار ئىچىدە تېز تارقالماقتا. بىز پەقەت ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلساقلا، بۇ كېسەلنى ھامان بويسۇندۇرالايمىز. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىسلامدا ئىپپىتىنى سېتىش ۋە باشقا ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن.
Hamdanمۇنداق دېدى: كۆپ ساندىكى مالاۋىلىقلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، بىراق بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش راستىنلا بەك قول تۇتۇدىغان ئىش. مالاۋىدا ياردەمگە موھتاج تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلار، ئاجىزلار كۆپ، خۇددى قۇرئان دا ئېيتىلغىنىدەك بىز بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
Hamdanسالىما دېگەن يەردە بىر يېتىم بالىلار بېقىش مەركىزى قۇرۇپ، تۇل خوتۇنلار ۋە مەكتەپتىن چېكىنگەن ئاياللارنى قايتىدىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئاياللار مۇۋەپپىقىيەت قازانماقچى بولىدىكەن، ئەرلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا نۇرغۇن ئاياللار قايتىدىن مەكتەپكە كىرىشتى. ئاياللار ئەيدىزنى بىلىشى كېرەك، بۇ ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى. ئەگەر ئۇلار خەت تونۇسا، خەت يازالىسا، ئۇلار ئاندىن ئەيدىز ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.
قەبىلە باشلىقى ئايۇپ ئەيدىز نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ؟دېگەن تېمىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى، «قۇرئان» دا پاھىشىۋازلىق قىلىش، ئىپپىتىنى سېتىش ۋە باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى نومۇسىنى سېتىش پائالىيەتلىرى ئېنىق چەكلەنگەن، ئاشۇلار دەل بۇ ۋابانىڭ قاتىلى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەدىسلەرنى ئوقۇغاندا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، بىراق ئۇلار شۇنى ئۇنتۇپ قالدىكى، ئاللاھ بۇنداق ئىشلارغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سىزدە قانداق مەسىلە بولسا، ھەممە جاۋابنى ‹قۇرئان›دىن تاپالايسىز، مەيلى سودا -سېتىق قىلىڭ ۋە ياكى باشقا قانداق ئىش قىلماقچى بولۇڭ، قانداق قىلىدىغانلىقىڭىز ‹قۇرئان›دا ئېنىق يېزىقلىق، بىراق سىز پۇللىرىڭىزنى بۇنداق ئىشقا بۇزۇپ چاچسىڭىز بولمايدۇ، دەل مۇشۇنداق ئىپپىتىنى سېتىشقا ئوخشاش قىلمىشلار ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب».
مالاۋى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقساقال ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئەيدىزگە قارشى ھەرىكەتتە، ئاياللارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىسلامىيەتتىكى ئورنىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، بىراق مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقساق بولىدۇ: ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى شۇنچە ئومۇملاشتۇردۇق، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى شۇنچە كۆپ ئىشلىدۇق، بىراق ئەيدىز نېمە ئۈچۈن داۋاملىق كۆپىيىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئازايمايدۇ؟ چەكلەش ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەر ئاياللار بىر بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ. ئىبراھىم ئاقساقال شۇنداق دېدى، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە بىز دوستانىلىق بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز، بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. قۇرئاندا شۇنداق ئېيتىلغان.
ھازىرقى ئەھۋال
ئەيدىز مالاۋىدىكى نۇرغۇن بەختلىك ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى. ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 920 مىڭ نەپەر مالاۋىلىق كىشىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بار. 15 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار ئىچىدە 470 مىڭ كىشىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بار، 120 مىڭ بالا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان.
ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرىچە، 650 مىڭ بالا ئەيدىز سەۋەبلىك تاشلىۋېتىلگەن، 100 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم بالا ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىبتار بولغان. دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلى كومىتېتىنىڭ بىر ئىستاتىستىكىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى، ھەر يىلى 110 مىڭ كىشى يېڭىدىن يۇقۇملىنىدۇ، بۇنىڭ ئىىچدە 15 – 24 ياشقىچە بولغان ياشلارلا %46 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى %60 بىمار بولسا ئايال.
Hamdanمۇنداق دە قارىدى، ئاياللار ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ كېسەللىكنىڭ نېگىزى نامراتلىق. ئۇ مۇنداق دېدى، ئاياللارنىڭ ئىچىدە نامراتلار بەك كۆپ، بۇ نامرات ئاياللارنى قۇرئان بويىچە ئىش تۇت دېسە بەلكىم ئۇلارغا ئانچە تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللار ئۆز جۈپتىگە ياردەملىشىپ، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك. قۇرئان نىڭ ياردىمى ئاستىدا ، بىز ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلالايمىز.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر