• يېڭى ماقالىلەر

بىر «ھەمجىنىس ئەر» ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بايانى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جەمئىيەتتە مۇنداق بىر توپ يوشۇرۇن كىشىلەر بار، ئۇلار ئىنتايىن كىچىك بىر كىشىلىك چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدۇ؛ ئۇلار مىھرىبان ئالىجاناپ كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تاشقى مۇھىتنىڭ كەمسىتىشى ۋە سوغۇق مۇئامىلىسىگە بەرداشلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇختاج بولۇدۇ ئەمما يەنە باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇلار دەل ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى، بۇ بىر توپ كىشىلەر بىزنىڭ يېنىمىزدىلا، ئەمما بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز ئىچىدە ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ ئىتىراپ قىلىشىمىزغا، كۆيۈنۈشىمىزگە، قوبۇل قىلىپ چۈشۈنۈشىمىزگە مۇختاج كىشىلەر.
كۆيۈنۈش: قورۇقماڭ، مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ دورا ئېلىڭ.
يىشۈەن بىر ئېگىزگە سەكلەش تېرنېرى، ئاقپىشماق، يۈرۈش-تۈرۈشلىرىدىن مەدىنىيلىك چىقىپ تۇرۇدىغان بىر يىگىت ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئەيدىز يۇقۇمدارىغا ئايلىنىپ قالدى.
ۋۇخەندە تۇرۇشلۇق بۇ يېزىلىق بالا، باشلانغۇچ مەكتەپتە چېغىدىلا ئۆزىنىڭ باشقا ئوغۇل بالىلار بىلەن ئوخشۇمايدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدى، 16 ياشتى كېيىن، ئۇ بىر نوقتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى: كۆڭلىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئوغۇل بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى.
تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇ مۇھاببەتلەشتى، لايىقى بولسا مەكتەپنىڭ كومپىيوتۇر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۆزىدىن 6 ياش چوڭ ئوغۇل بالا ئىدى ـــــــــــ ياخۇي، ئىككىسى ئايرىلماس ئىدى.
توي قىلىدىغان ياشقا كەلگەن بولسىمۇ، ياخۇي لايىق ئىزدەشنى خالىمىدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئاندىن نىمە ئىشلىكىنى بايقىدى. بىر كۈنى ياخۇينىڭ ئانىسى يىشۈەننىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ : ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ توردا ھەمجىنىس قىز ئىزدەپ، بىر يېڭىچە توي قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولدى، لېكىن ئاقىۋەت ياكى لايىق تونۇشتۇرغۇچى ياكى ئالدامچىغا ئۇچۇرىدى. ئامال يوق ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن 2006-يىلى ياخۇي بىر قىز بىلەن توي خېتى ئېلىپ توي قىلدى ۋە بىر ئوماق بالىلىق بولدى.
ئايال كىشىنىڭ سەزگۈرلىكى يىشۈەن بىلەن ئېرىنىڭ ھىسياتىنى ئاشكارلاپ قويدى، بىراق بالىلار ئۈچۈن، ياخۇينىڭ ئايالى يەنىلا چىداشنى تاللىدى.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ياخۇي ئاتا-ئانىسى شىنجاڭدا بولغاچقا، خىزمىتىنىۇ شىنجاڭغا يۆتكەپ كەتتى.
بىرگە بولۇش ئۈچۈن، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن يىشۈەن شىنجاڭدىكى بىر ئالى مەكتەپكە ئاسپىرانت ئوقۇشقا ئىمتاھان بەردى، 2013-يىلى، يىشۈەن چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ كۈنى ئىككەيلەن خوشاللىقىدىن ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ كەتتى.
شۇ يىلى باھار بايرىمىدا، يىشۈەن يۇرتى ۋۇخەنگە قايتىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەتتى، تۇيۇقسىز ياخۇي تېلىفۇن ئېلىپ: بىز ئايرىلىپ كېتەيلى!» دېدى. يىشۈەننىڭ زورلاپ سوراشلىرىدا ياخۇي ئۇنىڭغا :« مەن ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن» دەپ ئېيتتى. ياخۇي باشقىلاردىن يۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى، يۈشۈەن خۇددى بېشىغا تاش چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.
باھار بايرىمىدىن كېيىن، يىشۈەن شىنجاڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتمەكچى بولدى، بىراق دوختۇرنىڭ مۇئامىلىسدىن قورقۇپ، ئېغىز ئاچالمىدى. «شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىنىڭ بەشىنچى تارماق دوختۇرخانىسىغا بارغىن، مەن شۇ يەردىن دورا ئېلىپ يەيمەن،» دېدى ياخۇي، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنى داۋالايدىغان ئايگۈل دوختۇرنى ئىزدەشنى دېدى.
بىر كۈنى ئۇ ئىنتايىن ئەنسىرەش بىلەن بەشىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ VCT ئۆيىگە كىردى، بىر چىرايىدىن ئىللىقلىق يېغىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر دوختۇر ئايال ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا سۇ ئەكىلىپ بەردى ۋە ئىككەيلەن تولۇق 40 مېنۇت پاراڭلاشتى. بۇ ئايال ئۇنىغا ئەيدىزگە ئالاقىدا بولغان ئىنتايىن كۆپ بىلىملەرنى ئېيتىپ بەردى، يەنە ئۇنى خېلى رىغبەتلەندۈردى. يىشۈەننىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن يېشىلىپ، 3 قېتىم تەكشۈرۈتتى، نەتىجىدە ئۇ مۇسبەت بولۇپ چىقتى.
بۇ كۈنلەردە، ئۇ ھەر كۈنى خىيال سۈرۈدىغان بولۇپ قالدى، ھاياتىنى شۇنداقلا ئاخىرلاشتۇماقچى بولدى، دائىم جەمىيەتتىن ئۆچ ئېلىپ، ئاندىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلايتتى.....
تېلىفۇن سايرىدى، ئايگۇل دوختۇر ئىكەن. ئۇ:«يىشۈەن، قورۇقماق، مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ دورا ئېلىڭ. بۇ كېسەل خۇددى دىيابىت، يۇقۇرى قان بېسىملار بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئۆمۈرلۈك دورا يەيدىغان كېسەل خالاس، سىز تېخى ياش، مىنىڭ گېپىمنى ياخشى ئاڭلاپ دورىنى ۋاقتىدا يەڭ، مەن سىزنىڭ نورمال ئادەملەردەك بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلاي.» دېدى.
ئۇ بىر مەزگىلگىچە ھەر كۈنى ئايگۈل دوختۇرنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندى، ھەمدە ئايگۈل دوختۇرنىڭ توختىماستىن چۈشەندۈرىشى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى ئارقىسىدا ئۇ ئاخىرى چۈشكۈنلىكنى تۈگۈتۈپ، دوختۇرغا ماسلىشىپ دورىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يېدى.
ئەنسىرەش: قاراڭغۇلىقتىكى «يۇشۇرۇن دولقۇن»
يىشۈەننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ بىر qq توپى بار بولۇپ، ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئۆزىگە ئوخشاش جىنسى قارىشى بار تورداشلىرى بار ئىكەن. يېشى ئەڭ چوڭى 60 ياشتىن ئاشقان، ئەڭ كىچىكى ئاران 14 ياش ئىكەن.
ئۇ بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كېتىش تارىخى بار ئىكەن پەقەت ئانىنىڭ قولىدىلا چوڭ بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار ئەرلەرنىڭ كۈچىدىن كۆيۈنۈش ۋە تايىنىشقا مۇختاج بولىدىكەن.
« بۇ دوستلار چەمبىرىكى ئىنتايىن قالايمىقان.» يىشۈەن ئىنتايىن ئەنسىرەپ. ئۇ بۇرۇنمۇ ياخۇيغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويغان ئوغۇل بالا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ كېسىلىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ :« ئەلۋەتتە بىلىمەن، لېكىن نىمىشقا پەقەن مەنلا بولغۇدەكمەن، باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.» دېگەن.
«بۇ بىر توپ كىشىلەر كەمسىتىشكە ئۇچۇرىغانسىرى ئىدىيەسى شۇنچە بەك ئۆزگۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ شۇنچە بەك قالايمىقانلىشىشقا باشلايدۇ.» يىشۈەننىڭ :«خۇددى بىر قاراڭغۇلۇقتىكى «يۇشۇرۇن دولقۇن»غا ئوخشايدۇ، جەمىيەتكە ئېغىر خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.
ھازىر، ئەسۋە چىقىپ قالسا ياكى ئىشت چىشلىۋالسا دېگەندەك ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇققان ھامان، يىشۈەن ۋە ياخۈي ھەر ۋاقىت بىرىنچى بولۇپ ئايگۈل دوختۇرغا تېلىفۇن بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ مىنىڭ بۇ تېلىفۇنۇم 24 سائەت راۋان ئىشلەيدۇ دېگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، يوشۇرن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان يىشۈەن ۋە ياخۇيلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئىككەيلەن ھەر كۈنى تېلىفۇندا بىر-بىرىگە دورىنى ۋاختىدا يىيىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
كىسەل بولغاندا، باشتا ئىككەيلەن ئىقتىساد مەسىلىسىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن، پەقەت بىرنچى قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە 34 يۈەن خەجلىگەندىن باشقا، ھازىرغا قەدەر يېرىم يىل دورا يەپمۇ بىر پۇڭ خەجلەپ باقمىغان ئىدى. ئايگۈل دوختۇر ئۇلارغا ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ كەتكەندە يەنە تېخى 10 يۈەن كىرا پۇلى ئالالايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئىدى.
«بىز دۆلەت سىياسىتىنىڭ ھەقەقەتەن بىزدەك بىمارلارغا ئەمىللەشكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.» دېدى يىشۈەن. بۇ يىل تاۋۇز چاغىنىدا، ئۇ ئايگۈل دوختۇرغا ئاتاپ 500 يۈەنلىك مال سېتىۋېلىش كارتىسى ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.
«بۇ پۇل ئەمەس، مىنىڭ ئازراق كۆڭلۈم، پەقەت رەھمىتىم.» بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئايگۈل دوختۇر راستلا خاپا بولۇپ كەتتى، « سىز يەنە بۇنداق قىلسىڭىز، مەن ئەمدى سىزگە مەسئۇل بولمايمەن.» دەپ ئاچچىقلاپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
ئۈمۈد : ياخشى ياشاش
يىشۈەن بۇرۇن شىنجاڭدا بىر ئەر ھەمجىنىسلارغا كۆيۈنۈش جامەئەت پاراۋنلىقى خارەكتىرلىك قىزىل لىنتا كۆيۈنۈش مەركىزى تەشكىللىگۈسى بار ئىدى. لېكىن خەلق ئىشلار ئورگىنىنىڭ جامئەت پاراۋانلىق تەشكىلىنىڭ باشلاش مەبلىغىنى تىزىمگە ئالدۇرۇشنى تەستىقلىسا ۋە خادىملارنى تەيىللىسە ئاندىن بولۇدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ بۇ ئويىدىن ۋاز كېچىدۇ.
ئەسلىەدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئېمتاھان بەرگۈسى ياكى ئوقۇتقۇچى بولغۇسى بار ئدى، يىشۈەن بۇ خىزمەتلەرگىمۇ چوقۇم HIV تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغىنىنى بىلىپ، بۇ ئويىدىنمۇ ۋاز كەچتى. كىلەچەككە قارىتا، يىشۈەن يەنە پىلان تۈزۈپ،«كېيىن سالامەتلىكىم ياخشى بولۇپ، شارائىتىم بولغاندا، بىر ‹قۇياش نۇرى ئۇسسۇل مەكتىپىى› ئېچىپ تېخىمۇ كۆپ نامرات بالىلارنى، ئەيدىز يىتىم بالىلارنى بۇ يەرگە يىغىپ، ھەقسىز ئوقۇتىمەن.» دەپ ئويلىدى.
ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش يولىدا، يىشۈەن داۋاملىق «بىز مەڭگۈ بىللە» دىگەن ناخشىنى قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاپ ماڭاتتى، بۇ ئەيدىز تەشۋىقات باش ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن ئېيتقان ناخشا بولۇپ، ئادەمگە بەكلا ئىرادە بېغىشلايدۇ.
«بىز ئۇيغۇرلاردا مۇنداق بىر ماقال تەمسىل بار : قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ. سىز ھازىر ھەر كۈنى تاماقنى ياخشى يېيىش، ياخشى ئۇخلاش، ئۆزىنىڭ يولىدا ياخشى مېڭىش، ھەر بىر كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسىڭىزلا بولدى. خىزمەتتىن ئۇتۇق ھاسىل قىلالىسىڭىز، توغرا كۈچكە ئىگە بولالىسىڭىزلا بولدى.» ئايگۈل دوختۇر يىشۈەننى داۋاملىق مۇشۇنداق رىغبەتلەندۈرەتتى. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر