• يېڭى ماقالىلەر

جىنسىي كېسەل بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جىنىسىي كېسەل بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟                                 
جىنىسىي كېسەل دېگەنلىك جىنىسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئەيدىز كېسىلى بولسا جىنىسىي كېسەللىكلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىدىغان باشقا جىنىسىي كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. باشقا جىنىسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىنىسي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، جىنىسىي كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ تېرىسى، شىللىق پەردىسىدە پەيدا بولغان ياللۇغ ۋە بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ بەدەن ئىچىگە كىرىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئېممۇنىت كۈچى تۆۋەنلەپ، باشقا جىنىسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ناۋادا جىنىسي كېسەل يۇققاندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالاتسا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر