91 ياشلىق موماي ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جېجياڭ يىۋۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مەزكۇر شەھەردىكى 91 ياشقا كىرگەن موماينى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويدى، بۇ ھازىرچە مۇشۇ شەھەردىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان موماينىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 60 ياشلار چامىسىدىكى 3 بوۋاي بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان، بىر قىسىم تورداشلار، بۇ ئىشتىن جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ياشانغانلارنىڭ جىنسىي مەسىلىسىگە ئېتىبار قارىمىغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى دەپ قارىغان.
شياڭگاڭ «مىڭباۋ گېزىتى» تورى «جېجياڭ يېڭى گېزىتى» دىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان موماي گەرچە 90 دىن ئاشقان بولسىمۇ، تېنى ئىنتايىن ساغلام ئىكەن، جۆرىسىدىن ئايرىلغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، يىۋۇنىڭ ناۋشىچۈ رايونىدا ئۇزاق يىل يالغۇز ياشاپ كەلگەنىكەن. موماي بىر ئاي بۇرۇن كېسەل سەۋەبى بىلەن بالنىتسىدا ياتقان، تەكشۈرۈشتىن ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلانغان دەپ خەۋەر قىلغان.
كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خادىمغا موماي مۇنۇلارنى ئېيتتى، بەزىدە ماڭا ھەمرا بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىدىغان سىرتتىن كەلگەن مۇساپىر كىشىلەرنى ئۆيۈمدە قوندۇرۇۋالىمەن، ھەم ئۆيگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە «ياتاق ھەققى» يىغىپمۇ قويىمەن، يېقىنقى يىللاردا 2-3 نەپەر 60 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار مەن بىلەن بىرگە يېتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان. كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خادىمى ياشانغانلارنىڭ نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىشىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ ھۆكۈم قىلدى.
كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى خادىمى، ياشانغانلار ئۇزاق مۇددەت يالغۇز ياشىغانلىقى، ۋاپات بولغان ئىلگىرىلى ھەمرىيى ياكى يولدىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ئۇلارغا تۇرمۇش مەنىسىز تۇيۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردا كونا يېزىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن ياشانغانلارنىڭ قولىدا پۇل كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن بەزى ياشانغان كىشىلىرىمىز پاھىشىۋازلىق قىلىپ ئۆز ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ، يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىك ھەتتا ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى چوڭايتىۋەتكەن دەپ قارىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاز بولمىغان تورداشلار 90 ياشتىن ئاشقان موماينىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىغا ۋە يېشىنىڭ چوڭلىقىغا ھەيران قېلىشقان بولۇپ، مۇشۇنداق يېشى چوڭ كىشىدىمۇ راستلا جىنسىي ھەۋەس بولامدىغاندۇ دەپ گۇمان قىلىشقان. بىر قىسىم تورداشلار يەنە، ئىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى موماينىڭ ياشانغان بوۋايلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا قويماي، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ياشانغانلارنىڭ جىنسىي مەسىلىلىرىگە ئېتىبار قارىمىغانلىقىغا قويۇش كېرەك، بولمىسا ھازىرقىدەك ئىشلارغا ھەددىدىن ئارتۇق ئەجەبلىنىپ كېتىمىز دەپ قارىغان. يەنە ياشانغانلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ ئۇزاققىچە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئەزەلدىن بۇ توغرىلىق سۆزلىنىپ باقمىغانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ جىنسىي مەسىلىلىرى مازاق قىلىنماسلىقى، بەلكى ئېتىبار بەرمەك كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر