زۇڭلى لى كېچياڭ ئەيدىز خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01


لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنىغا مۇھىم يوليورۇق بەردى


جۇڭگو ھۆكۈمىتى تورى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى: گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:
ئەيدىز قاتارلىق چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، «ئون ئىككىنچى بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، جايلار، تارماقلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇنى چوقۇم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. «ئون ئۈچىنچى بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىغا قارىتا، ب د ت نىڭ 2030-يىلى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تۈگىتىش تەرەققىيات پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ؛تەشۋىق-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، تەكشۈرۈپ مەسلىھەت بېرىشنىڭ ئىشقا ئېشىشچانلىقى، يوقلاپ مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۆلچەملىشىشىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاندىكى يادور كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئانا-بالىلار ئارىسىدىكى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇپ داۋالاش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دورا تەتقىقاتىنى تېزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلارنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇمىنى داۋاملىق تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە يارىتىش كېرەك.
 


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ساغلاملىق، چوڭ سەھىيە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىپ، چوڭ كېسەللىكلەر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىك دالدىسى قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر