ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى يۇشۇرۇش ئەھۋالىنىڭ خىيىم خەتىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 ئەيدىز كېسىلىگە كەلسەك،كۆپ ئادەملەر ئەيدىز توغرىلىق ئاڭلىسىلا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئالدىنقى ئاينىڭ 25-كۈنى، 4ياشلىق بىر ئوغۇلنى يىقىلىپ چۈشۈپ بېشى يارلانغانلقى ئۈچۈن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئەسىلىدە ناھايتى نورمال ھالەتتە بىر قېتىم داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئوپراتسىيە ئالدىدىكى تەييارلىق تەكشۈرۈشنى قىلغان بۇلۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسدە بۇ بالىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىپ چىقتى،مەلۇم بۇلىشىچە بالا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇلۇپ، دوختۇرلار دىئاگىنۇز قويغان ۋاقىتتا، كېسەللىك ئەھۋالىنى قەستەن يۇشۇرغانلىقتىن، داۋالاشقا قاتناشقان دوختۇرلار شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئادەتتىكى كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئېلىپ بارغان، يېقىندا بالىنىڭ قېنى ۋە بەدەن سۇيۇقلىقىنى ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق، يۇشۇرۇن ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالىغا دىئاگىنوز قۇيۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن بىر قىسىم دوختۇرلار ناھايتى ئەنسىرەيتى.
ئىگىلىنىشىمىزچە، ئەيدىز كېسىلى بىمارى يۇشۇرغان كېسەللىك دىئاگىنوز ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرىمۇ بۇنداق كېسەللىك بايقالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى تىيەنجىدە بىر بىمارنىڭمۇ مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ھەر تەرەپتىن داۋالاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى يۇشۇرۇن ھالەتتىكى كېسەللىكنى غەلبىلىك ئوپراتسىيە قىلىپ چىققان. بۇ خىل ئەھۋال ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەچكە دائىم بۇنداق ئىشلار بىلەن ئۇچىرشىپ تۇراتتى.
«ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش نىزامىدىكى» بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى داۋالانغان ۋاقىتتا، يۇقۇملانغان ياكى كېسەل بولغان ئەھۋاللىرىنى دوختۇرلارغا ئېنىق ئيتىپ قۇيۇشى لازىم؛ داۋالاش ئورگانلىرى دىئاگىنوزدىكى كېسەللەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىنى سەۋەبىدىن، كېسەلنى داۋالاشتىن باش تارتىش ياكى رەت قىلىنماسلىقى دېيىلگەن. ئەمما بىمارلار كېسەلنى داۋالاشقا توسقۇنلۇق قىلغاچقا، نىزامنامىدىكى بەزى بەلگىمىلەر پۈتۈنلەي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولالمىغانىدى. كەمسىتىش بولسا، نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆز كېسىلىنى يۇشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، داۋالاش خادىملىرىغا زور مىقداردا خىيىم خەتەر ئېلىپ كىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر