ئەيدىز كېسىلىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
                                
نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان، ۋاكسىنا تېخى يوق . ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىدىغان دورا ياكى ئۇسۇلمۇ يوق، بىخەتەرلىك تەدبىرى كۆرۈپ ئىش قىلىش، بەك خەتەرلىك ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش ياكى خەتەرلىك ئىشلارنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى قوللىنىپ قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش چارىسى ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەر جىنىسىي ئالاقە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يەنى ھەر قېتىم جىنىسىي ئالاقە قىلغاندا، گاندوننى توغرا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. باشقىلار بىلەن يولسىز جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى توختىتىپ، جىنىسي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىش لازىم.
جىنىسىي كېسەلنى ۋاقتىدا، لايىقىدا داۋالىتىش كېرەك، چۈنكى جىنىسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋالدا، ئەيدىز كېسىلى تېخىمۇ ئاسان يۇقىدۇ. زۆرۈرىيىتى بولمىغان قان سالدۇرۇش ۋە ئوكۇل سالدۇرۇشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايىتىش كېرەك، ئەگەر زۆرۈر بولۇپ قالسا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قاننى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك. زەھەردىن يىراق تۇرۇش، ئەگەر نۆۋەتتە زەھەرنى تېخى تولۇق تاشلىيالمىغان بولسا، باشقىلار بىلەن شىپىرىس يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرنى ئوكۇل قىلماسلىق لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر