ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۆمۈرى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 70 ياشقىچە داۋاملىشىدىكەن                                        
ھازىر كىشىلەر ئەيدىزنى تىلغا ئالسا «جىننىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك بەكلا قورقۇپ كىتىدۇ. بىراق ھازىر ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت داۋالىنىش بىلەن دورا  ئىستىمال قىلىشنى ئۈزمەستىن داۋاملاشتۇرسا, ئۆمۈرى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 70 ياشقىچە داۋاملىشىدىكەن.
كانادالىق كۆزەتكۈچى خۇ شېنچاۋ مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتىكى كەڭ تارقالغان يىللىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆمۈرى تېخى ئۇنداق ئۇزۇنغا بارمىغان، شۇ چاغلاردا، شۇندالا بىر ئادەمنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىساق ئۆزىمىزنى بۇ ئادەمنى ئۈلۈم جازاسىغا بۇيرۇغاندەك ھېس قىلاتۇق، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالسا ئادەتتە نەچچە ئايغا قالمايلا ئۈلۈپ كېتەتتى، ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ نەچچە يىل ئۆمۈر كۈرەلەيتى. گەرچە كىشلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر يېڭى دەۋىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تەتقىق ۋە يېڭىلاش ئارقىلىق، كىشلەرنىڭ ياشايدىغان ۋاقتى بىر نەچچە يىل ئۇزۇرايدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى گەرچە داۋالاپ ساقايقىلى بولمىسمۇ، بىراق دورا ئستىمال قىلىش ئارقىلق باشقا ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ بىر خىل دەۋىرىمىزنىڭ يېڭىدىن كەشىپ قىلغان ئۇسۇلى بولۇپ يەنە بىز بۇنى «ۋىرۇسنى تازلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش» ئۇسۇلى دەپ ئاتايمىز. بىمارلار ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ خىل «ۋىرۇسنى تازلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش» دورىلىرىدىن ئىستىمال قىلىپ ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس نىشانىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىز ئادەتتە «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش» ئۇسۇلى دەپ ئاتايمىز.
چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن: «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش» ئۇسۇلى ھەم ئاددىي ھەم بىخەتەر، كۈنۈشكە ئاسان، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بىراق دورىنى ئىستىمال قىلىشنى ئۈزمەسلىك كېرەك. ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا بولسا: بۇ خىل «ئەيدىزنى ئەبجەش» ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەندن تارتىپ تا ھازىرغىچە توختىماي تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، ھازىرقى «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش»نىڭ ئۈنۈمى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولدى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.
ھازىرقى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشقا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارنىڭ ئىچىدە قايسىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ بەك ياخىشى بولىۋاتىدۇ؟
خۇ شېنچاۋ، مېڭ تېنا بولسا كولومبىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئالاھىدە مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمى بولۇپ، ئۇ «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش» ئۇسۇلى ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى دەۋەت قىلغان ئالىملارنىڭ بىرسى. ھازىر بۇ مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش» ئۇسۇلى بار بولۇپ، بۇ مېدىتسىنا مەركىزى يەنە «ئەيدىزنى ئەبجەش داۋالاش» ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تەتقىقات دوكىلاتى ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۇتۇبخانىسىنىڭ قەرەللىك ژۇرنالىغا بېسىلىغان. دوكلاتقا ئاساسلانغادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇنلانغان بىمارلار قانچە بەك ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە مېدىتسىنا ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ تەرەققىياتى بولىدۇ.
2000-يىللىرىدا ئەگەر بىر 20 ياشلىق ئادەمگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دېئاگۈنۈز قۇيۇلسا، بۇ ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە 36 يىل ئۆمۈر كۈرەتتى، لېكىن 2006-يىلىغا بارغاندا ئوخشاش تىپتىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار يەنە 50 يىلدىن ئارتۇقراق ياشىيالايدىغان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ياشاش ۋاقتى خىلىلا بەك ئۇزاردى. دەل مېڭ تېنا قاتارلىق دوختۇر ۋە باشقا خادىملارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىلىق كانادانىڭ كولۇمبىيە ئۆلكىسى ئاللىقاچان شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بىردىن بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشلەر سانى تۆۋەنلىگەن رايۇنغا ئايلانغان. 1992-يىلى بۇ ئۆلكىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى ئەڭ بەك ئېغىر چاغدا، يىلدا 800 يۈزدىن ئارتۇقراق كىشىگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دېئاگۈنۈز قويۇلاتتى، يىلدا بىر ئادەم ئەيدىزنىڭ سەۋەدىن ئۆلۈپ كىتەتتى. شۇ چاغدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ ئادەملىرى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسپىتى%90 دىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بويىدا بار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى بالىغا يۈزدە-يۈز دېگەندەك يۇقتۇيمايدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن زەھەر چىكىدىغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇش نىسپىتى %95 تۆۋەنلىگەن، دەل، يۇقارقى سانلىق مەلۈماتغا ئاساسلانغان ھالدا كانادا خەۋەر قىلپ: كىشلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ئاڭ سەۋىيىسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىلگىرلەش بولدى، ھازىر دەل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنسانلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋاسىنى تەتقىق قىلىپ تېپىش ئېھتىمالىقى چوڭ بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن بىرمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار يوق دەۋىرى چۇقۇم ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر