رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: تەڭرىتاغ تورى | ۋاقتى: 2017/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:  ئەتە يەنى 1-دېكابىر 29-قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئەھۋالىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان، ئەمما رايونلارغا بۆلۈنۈشى روشەن بولغان.
    ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بالدۇر بايقاش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش خەۋپى ئامىللىرى، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا.
    ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان. ئەر ھەمجىنىسلار توپى ئارىسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر تېز بولغان. بۇ يىل ھەمجىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى پۈتۈن يىللىق يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار نىسبىتىنىڭ %7.8 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى %24.9، جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى %67.9 (ھەمجىنىسلار ئالاقىسىدىكى تارقىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئىگىلەيدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر