ئون يەتتە خوتۇن ئالغان ئەيدىز ئەر

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر ئەر (ئۇيغۇر) ئاياللاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، پەقەت موللامغا نىكاھلا ئوقۇتۇپ (توي خېتى ئالماي) ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ئون يەتتە خوتۇن ئالغان ھەم تۇغمىغان خوتۇنلىرى بىلەن نەچچە ئون كۈن ياكى بىر نەچچە ئاي ئۆي تۇتۇپ، قوساق كۆتەرگەن خوتۇنى يەڭگىگەن ھامانلا نىكاھتىن ئاجرىشىپ، ئۆزى نىكاھىغا ئالغان ئاياللار بىلەن ئۆز باللىرىغا ئادەملەر ۋابادەك قاچىدىغان يۇقۇملۇق ئەيدىزنى سورىقى يوق جاھاندەك، بىكارغا تارقىتىدىغان ئوبدان نەرسىدەك يۇقتۇرىۋەرگەن.
مانا بۇ ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس! ھايۋان جېنىدا ئۆز توپىغا بۇنداق دۈشمەنلىك، زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى» دېگەنلىك مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇ ئەسلىدە بىر ئىشەك ئادەمنىڭ ئۆزىگە كۈچى يەتمىگەنلىكى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشەكتەك قىلمىشىنى باشقىلارغا دۆڭگىگەنلىكىدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئاياللاردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئەرنىڭ ئايال كىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئەيدىز بولغاندىن كىيىن باشقا ئاياللاردىن ئۆچ ئالغۇچىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇزۇق ئاياللارنىڭ بىرنېمىسىگە دۈم چۈشكەنلىكىنىڭ ئاقىۋېتىدۇر. نىيىتى ياماننىڭ قازىنى مۇشۇنداق تۆشۈك بولىدۇ. ئۇ نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئەرگە تىگىۋېرىدىغان بىگۇناھ ئاياللاردىن ئۆچ ئېلىشنى خىيال قىلماي، ئەسلىدە ئۆزىگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان، نىكاھ سىرتىدا ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىدىغان يولدىن چىققان ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىپ، تەغدىرداشلار بىر ئۆيگە كىرىپ، ئاشۇ بۇزۇق ئاياللارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ باشقىلارغا داۋاملىق ئەيدىز يۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسا، ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشىنى قىلغان بولاتتى. دېمەك، ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ ئۆچ ئېلىش يولىدا مېڭىشى نادانلىق، قالاقلىق، ماڭقۇرتلۇق بولۇپ، بۇنداق ئادەم ئۆچمەنلىك ئىچىدە خۇددى ئوتنىڭ ئىچىدىكى يىلاندەك تولغىنىپ ئازابلىنىدۇ. ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئويلىماي، ئۆلۈمنىڭ غېمىنىلا قىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنداق بىر مەسىلە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. موللامنىڭ نىكاھ ئوقۇشىنىڭ قىممىتى بولامدۇ-يوق؟ نىكاھ ئوقۇش رەسمىيەت-شەكىلگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ نىكاھتا ئالدىم -تەگدىم دىيىش ۋاقىتلىق ئىشمۇ؟ نىكاھنى موللام ئوقۇپ بىرىدۇ، ئەمما نىكاھنى ئەر-خوتۇن بىكار قىلىدۇ! نىكاھ ئوقۇشمۇ ئاسان، نىكاھتىن ئاجرىشىشمۇ ئاسان! نىكاھ خالىغانچە ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ مۇشۇنداق كەتمىنىنى چېپىۋەرسە نېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، نېمىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ؟....
مانا مۇشۇنداق ھالەتتە، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ نىكاھقا تۇتقان پۇزىتسىيەسى بىلەن ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا ئېغىر مەسىلە بولۇپ نامايەن بولىۋاتىدۇ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر