ئەيدىز ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىز ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى 1) ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلاردىن قاچماڭ، ئەيدىز ئادەتتىكى تۇرمۇش ئالاقىسىدە يۇقمايدۇ. 2) ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشقا دائىر ئۇچۇرلار ھەققىدە شۇ جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش مەركىزىدىن ياكى ئەيدىز ھەققىدىكى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفوندىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم. 3) ئەيدىزنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققانلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى لازىم. 4) ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركەزلىرى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ. 5)ئەيدىز بويىچە ۋاقتىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت ئالغانلار ۋە تەكشۈرتكەنلەر (VCT) يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇر بىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ. 6) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقىنى داۋاملىق قىلىپ تۇرغانلار ھەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى لازىم. 7) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقە قىلغانلار يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلىش ئۈچۈن، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى تەكشۈرتۈشى لازىم. 8) دۆلەت ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ھالسىزلىرىغا زۆرۈر ياردەم بېرىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا پائال مەدەت بېرىدۇ. 9) ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىنى دۆلەت ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. 10) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنى دۆلەت مەسلىھەت بېرىش، تۇغۇت ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۇغدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېرەكلىك دورىلارنى ھەقسىز بېرىدۇ. 11) ئەيدىز تەكشۈرتۈش ۋە ئۇ ھەقتە مەسلىھەت ئېلىشنى ئىختىيار قىلغانلار ھەقسىز مەسلىھەت ئالىدۇ ۋە دەسلەپكى تەكشۈرتۈش ھەقسىز بولىدۇ. 12) دېھقانلار ۋە شەھەرلىك نامراتلار ئارىسىدىكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنى دۆلەت ۋىرۇسقا قارشى شىپالىق دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. 13) ئەيدىز يۇققان ۋە ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنى كەمسىتمەي، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭ، ئۇلار كېسەلنى يېڭىپ، ئىشەنچىنى تۇرغۇزسۇن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر