مۇز قايماق يىيىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/12/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپتورى: مودەن
ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ، ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنماي، ئۇلارنى شۇنداقلا تاشلاپ قويساق كۆڭلىمىز ئۇنامدۇ؟ قېنى بىزدىكى مېھرى -مۇھەببەت قېنى بىزدىكى ئادىمىيلىك .مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشتىن نومۇس قىلمامسەن.
بۇ يولدىشىمنىڭ مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بېرىپ كېلىشنى ئازايتىش توغرىلىق قىلغان سۆزۈمگە بەرگەن قاتتىق رەدىيەسى ئىدى.ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغۇرلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ،يەنى بىر يەرلەردىن تەشۋىشلىنىپ ئەنسىرەپ تۇرۇىمەن.
ئۇلار يولدىشىملارغا يىراق تۇققان كېلەتتى .بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭ ئەيدىزدىن  يۇقۇملانغىنىمىنى ئاڭلىغىنىمدا بىر تەرەپتىن تېنىم شۇركەنسە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالغان ئىدى. يۇرتقا بارغاندا ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلىشتىن قاچاتتىم .لېكىن  يولدىشىم  پۇرسەت بولسىلا ئۇلارنىڭ  ئۆيىگە بىرىپ ھال مۇڭ بولۇپ كېلەتتى. بىر قېتىم  يولدىشىم ئۇنىڭدىن بەكمۇ چۈشكۈلىشىپ كەتكىنى كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ئۇ: «مۇشۇ كېسەل چاپلاشقاندىن بېرى .ياتلار ئەمەس تۇققانلارمۇ مەندىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ،ئىچىم ئاچچىق  بولۇپ .يالغۇسىراپ كېتىۋاتىمەن.كېيىم -كېچەك تىجارىتىممۇ ياخشى ئەمەس.ھەتتا دۇكان ئىجارسىنىگە قەرىز بولۇپ قېلىۋاتىمەن» دەپتۇ. يولدىشىم ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۇنۈپ يېتىپ تەسەللى بېرىپ رىغبەتلەندۇرۇپتۇ .ھەم ئۇنىڭ ئۆز قوراسىنىڭ ئەۋزەللىكىىدىن پايدىلىنىپ قايتىدىن تىجارەت قىلىش ئاتا كەسپى  يەرلىك مۇزقايماق ياساپ بازارغا سېلىشىنى، يۇقۇملۇك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرنىڭ تەمىلىگەن دورىلارنى ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلاپ ھەم مەدەت ئېلھاملارنى بىرىپ قايتىپ كەپتۇ.
يىل ئۆرۈلۈپ ھېيتتا يۇرتقا باردۇق ،تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىنى پەتە قىلىش باشلاندى.مەن يولدىشىمغا ئېنىق ئېيتالمىساممۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلماسلىق ئۈچۈن تاپقان يالغان ياۋىداق سەۋەپلىرىم كارغا كەلمىدى. يولدىىشىم ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى .ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ  ياخشى ئىدى. سودىسى يۈرۈشكەن بولۇپ ئۇنىڭ ياسىغان مۇزقايماق بازار تېپىپ توپ تارقىتىلىۋاتقان ئىكەن .ئىشىك ئالدىدىكى دۇكىنىدىمۇ مۇزقايماق يەۋاتقانلار كۆپ ئىدى. يولدىشىم  بالىلىرىم مۇزقايماق ماختىشىپ يېيىشكە باشلىدى.مەن زۇكامداپ قاپتىمەن سوغۇق نەرسە يىمەي دەپ يېمىدىم .يولدىشىم مېنىڭ نېمىشقا يېمەيدىغانلىقىمىنى سېزىپ بولغان ئىدى.ئۇ بىر ئىستاكان  مۇزقايماق ماڭا سۇنۇپ:
يېگىنە، پايدا قىلىدۇ دېدى. مەن يولدىشىمنىڭ ماڭا سانجىلغان نەشتەردەك كۆزلىرىدىن ئەيمىنىپ، زەھەرنى قولۇمغا ئالغاندەك قورقۇپ تۇرۇپ  مۇزقايماق قولۇمغا ئېلىپ  يېيىشكە باشلىدىم .كۆزۈم ئۇنىڭغا ۋە ئايالىغا چۈشۈپ قالدى.ئۇلارنىڭ بايقى مىسكىن ھالىتى يۇقاپ كۆزلىرىدىن نۇر چاقىنىغان ئىدى.ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتگە قاراپ يۇرىكىم قاتتىق ئېيتىشىپ كەتتى.يولدىشىمنىڭ چىرايىدىمۇ كۈلكە پەيدا بولغان ئىدى.مەن يەنە بىر ئىستاكان مۇزقايماق يېيىش ئۈچۈن  ئىستاكنى ئۇنىڭغا سۇندىم.ئىككىنجى ئىستاكان مۇزقايماق مەن بەكمۇ راھەتلىنىپ يىدىم. مەندىكى بىسرامخانلىق  نەگىدۇر كەتكەن ئىدى.شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ  ئۆيىدە كەچلەپ قالدۇق ،ئايالىنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن لەغمىدىن ئېغىز تېگىپ قاتتۇق.بىز قايتقاندا ئۇلار خېلى يولغىچە كەينىمىزدىن ئۈزۇتۈپ چىقىتى،بىز كېلەر يىلى يەنە مېمھان  بولۇپ كېلدىغانلىقىمىزنى.چۈشكۈنلەشمەي مۇشۇ پېتى نومال ئادەمدەك ياشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق . مەن ھېسلىرىمنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر تاغنىڭ غولاپ چۈشكىنى يەڭگىللەپ قالغانلىقىمى ھېس قىلدىم.
 بىز ئەيدىسنىڭ نومال مۇناسىۋەتە  يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ بەزىدە مەندەك خاتلىقلارغا  يول قويۇپ قالدىكەنمىز .ئەيدىسىمۇ باشقا كېسەللەرگە ئوخشاش بىزنىڭ كۆينىشىمىزگە چۈشنىشىمىزگە مۇھتاج .ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى  سۇنپ ئۇلارغا مېھرى مۇھبىتمىزنى  يەتكۈزەيلى ئۇلارنى كەمسىتمەيلى.
ئەيدىز بىمارلىرىغا دەيدىغىنىم :سىزنى كېسەللىك ئەمەس كەيپىياتڭىزدىكى چۈشكۈنلىكنابۇت قىلىدۇ. سىز ئاغرىق ئەمەس سىز نومال كىشى .ئۆزىڭىزنى بىسىپ تۇرغان يۈكىنى تاشلاشقا ھەركەت قىلىپ  گۈزەل كەلگۈسڭىزنى يارتىڭ

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر