• يېڭى ماقالىلەر

شىنجاڭدىكى ئەيدىز بوۋاق تۇغۇپ ساتىدىغان ئاياللار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/01/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﻰ

ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ, ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﮪﺎﻟﻼ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ, ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪﺴﯩﺰ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯧﻘﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ, ﺑﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ-ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻣﺪﯗﻕ?! ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺟﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﻪ! ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻳﯩﻤﻪﻱ, ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﻏﻪﺭﯨﺰﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ, ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ-ﮪﻪ!
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ, ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ, ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ, ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻤﯘ ﺑﺎﮪﺎ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻱ-ﻛﺎﻻ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﻕ-ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺩﻩﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ, ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ, ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﻮﺷﻼﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ!


ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ,
ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ, ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺗﻮﺭﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﻘﺎﭼﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺩﯨﺴﻪ, ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻻ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ, ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻤﯘ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﺎﻻ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﯘﻳﯘﺩﯨﻐﺎﻥ, ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻗﻘﯘﭼﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ, ﺑﺎﻻ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻨﯩﻤﯘ, ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻗﻘﯘﭼﻰ, ﺑﺎﻻ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ, ﺑﺎﻻ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﻳﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻻ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ, ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﮪﻪﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ, ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻱ ﮪﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﻱ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻧﯩﻜﺎﮪﺴﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭ, ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﺎﻝ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ! ﺗﯘﻏﻤﺎ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ, ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯩﮕﯜﺯﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ, ﮪﻪﻡ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﮪﻪﻡ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺭﺍﻳﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ, ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯩﮕﯜﺯﻣﯩﺴﻪ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﺭ-ﮪﻪ!
ﺩﯦﻤﻪﻙ, ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭘﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﻪﺳﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﻩﻙ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﺵ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ, ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﻪﯞﯨﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﻪﻧﻰ, ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻡ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ, ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺭﺍ-ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﻧﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ, ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ-ﻳﯩﺮﯨﯖﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ, (ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ), ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ, ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺗﯧﺰﻻ ﺧﻪﯞﯨﭙﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر