بۇ 10 خىل كىشى چوقۇم ئەيدىز تەكشۈرتۈشى كېرەك

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: نۇر تورى

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ «ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ 10 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ:

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 6-2 ﮪﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺘﯧﺘﻼﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، 4-2 ﮪﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ %50 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. 

1. ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺲ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻳﯩﯖﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ.

2. ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﻠﻴﯘﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ.

3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ.

4. ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ.

5. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ.

6. ﻳﻪﯕﮕﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ.

7. ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ.

8. ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

9. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 3 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

10. ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭ.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭼﯩﺶ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻧﻼﺭ، ﺩﯦﺰﯨﻨﻔﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﻥ ﭼﻪﻛﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﯟﺍﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر