• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئۆلچىمى تەڭشەلدى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، داۋالاش ئوبيېكتى ئۆلچىمىنى كېڭەيتكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار بارلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش تەكلىپى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشتا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، مەجبۇرلانمايدۇ.
جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەللىكلەر، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيو مۇنداق دېدى: ئەڭ بالدۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا كىشىلەرنىڭ ئىمونت كۈچى ناھايىتى تۆۋەنلەپ، ئىمونت سەۋىيەسىنىڭ 200 گە چۈشۈپ قېلىشى ئۆلچەم قىلىنغان ئىدى، كېيىن ناھايىتى كۆپ بىمارلار كېسەل قوزغىلىپ، داۋالانسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاندىن كېيىن بۇ ئۆلچەم 350گە تەڭشەلگەن ئىدى، 2014-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى داۋالاش ئۆلچىمىنى 500 غا تەڭشىدى، ئۆتكەن يىلى ئىلمىي تەتقىقاتتا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، 500لىك ئۆلچەم بىلەن بالدۇر داۋالاش كېچىكىپ داۋالاشتىن كۆپ ئۈنۈم بەردى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش، ئىمونت كۈچى ئاجىزلاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن كېچىكىپ داۋالاشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.
ۋۇ زۈنيۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى ئۆلچەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر، جەمئىيەتتىكىلەر ۋە دۆلەتمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى بالدۇر داۋالانسىڭىز، يۇقۇملىنىش ئاز بولىدۇ، تارقىلىشى ئاز بولىدۇ، كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئۇزاقتىن قارىغاندا جەمئىيەت بايلىقىنى تېجەپ قالدى دېگەن گەپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى 2030-يىلى پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىشقا ۋەدە بەردى، جۇڭگو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئومۇميۈزلۈك داۋالاش قارارى چىقىرىش ئىجابىي، تەسىرى ياخشى ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر