قىزلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپى ئوغۇللاردىن 5 ھەسسە يۇقىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: eldawa02

بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە  يۇقىرى بولىدۇ.
بىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى ۋە بىلىملىرى كەمچىل قىزلار جىنسىي يول ئارقىلىق ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.
18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرلا ئەمەس، 19ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. بۇ مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي ھەمراھلىرى كۆپ، زەھەر چېكىش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ %60ى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر