ئەيدىزگە قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

HIV تەكشۈرۈشى تەكشۈرۈلگۈچى قېنىدا HIV ئانتىبودىلىرى (HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللار) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىدۇ. ئانتىبودىلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يات كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، ئادەتتە 3 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولىدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا HIV قارشى ئانتىبودىلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ ياكى تېخى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولغۇدەك مىقدارغا يەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى باشقىلارنى ئەڭ يۇقۇملاندۇرىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇقۇملىنىش بارلىق باسقۇچلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىراۋ يېقىندا HIV بىلەن ئۇچراشقان ئېھتىمالى بار بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن 6 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدا ئانتىبودىلار يېتەرلىك مىقدارغا يېتىشىگە ۋاقىت بېرىلگەن بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر