• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزنىڭ شىنجاڭدا كەڭ تارقىلىشىدىكى سەۋەب

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2017/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا02

1. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، تەشۋىق تەربىيە ئاجىز، تۇنۇش يىتەرلىك بولماسلىق.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىسەلنىڭ قانداق يۇل ۋە ئۇسۇللاردا تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ كىسەلنىڭ نىمىلىكىنى ھەتتا قانداق خەۋپى ۋە زىيىنىنىڭ بارلىقىنى، يۇقۇش خەۋپى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۈز تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئاساسىي ئەھۋالدىنمۇ بىخەۋەر .

2. بۇ رايۇنلاردىكى نۇرغۇن جايلار قەدىمدە مەدەنىيەت ئاساسىي كۈچلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى دەپ قارالغان رايۇنلار بولسىمۇ، بىراق تەرەققىيات ۋە نۇرغۇن ئامىللار تەسىرىدە ئەخلاق چىكىنىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولغاچ، كىسەل بۇ يۇچۇق ناھايىتى تىزلا تارقىلىش ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا ئەخلاق ۋە كىملىك ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئۇيلىنىش تەقەززا قىلىۋاتقان يىرىك تىما بۇلۇپ قالدى.

3. داۋالىنىش شارائىتى يىتەرسىز، كۈرسىتىش تەدبىرى مۇكەممەل ئەمەس، ساپا يىتەرلىك ئەمەس.

  نۇرغۇنلار بۇ كىسەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلمەسلىكى بىلەن كىسەلنىڭ يۇشۇرۇن مەزگىلىدە بايقالغان ئالامەتلەرنى باشقا كىسەل بولغان ئۇخشايمەن دەپ قارايدۇ. ئاخىرى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن تەكشۈرىدۇ ۋە بىراقلا ئۇتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان بىر تارقاتقۇچى بۇلۇپ بولغان، بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئۇرۇنداپ بولغان بۇلىدۇ. داۋالىنىش شارائىتى يىتەرلىك ئەمەس بۇلۇپ، نۇرغۇن كونتىرۇل قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئوكۇل ۋە دورىلار يۇقۇملانغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىلمىگەن.

بۇنداق بۇلۇشتا يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېڭى ۋە دورا-ئۇكۇللارنى تارقاتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈۋەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەپ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.

4. نورغۇن كىشىلىرىمىز ئەيدىز ئەخلاقسىز، ھاياسىزلارنىڭ قالايمىقان ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ، بىز ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىساق بىزگە يۇقمايدۇ  دەپلا ئۇيلايدۇ.

بىراق ئۇيلاڭ، سىز ھازىر ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارى بىلەن ئۇرتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسىز. سىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەيدىز، قايسىسىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكىنى ئەلبەتتە بىلمەيسىز. باشقا كىسەل بولسا ئۇ مەن ئۈپكە كىسىلى ياكى رىماتىزىم دەپ ئۇچۇق دىيىشى مۇمكىن. بىراق بۇ كىسەل بولغۇچى  ئۇياتلىق ھىسابلايدىغان بۇ خىل كىسەلنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە ئۇچۇق ئېيتماسلىقى تۇرغانلا گەپ.

شۇنداق تۇرسا بۇ كىسەلنىڭ يەنە باشقا شەكىل ۋە يوللاردا،   مەسىلەن: ساتىراچخانا، قان تەقدىم قىلىش، قان ئېلىش ئورۇنلىرى ... قاتارلىقلاردا تارقىلىش ئىھتىمالى كۈچلۈك تۇرسا،  سىز ئۇنداق ئۇرۇنغا بارمايمەن دىيەلەمسىز؟

5. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆچ ئېلىش قارا نىيىتى.

بەزى يۇقۇملانغۇچىلار تۈرلۈك ئازدۇرۇش ۋە بىر قېتىملىق خاتالىق سەۋەبلىك بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۈۋەنلىرى  كىسەل بولغىنىنى بىلگەن ھامان قاتتىق ئازابلىنىدۇ-دە،  ئۇخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ تۈگىشىش ياكى ئۈچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق پىسخىكىنى ئۈگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۈرىدىغان پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك ئورۇنلىرى ياكى شۇ قاتاردىكىلەر بۇ مەسئۇلىيەتتىن يىراق.
مۇلاھىزە

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان(吐尔文江)نىڭ دېيىشىچە: تۈپ سەۋەپ يەنىلا ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، جەمىيەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت. گەرچە دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يىلمۇ-يىل مەبلەغنى كۆپەيتىپ سېلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بىلەنمۇ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان تۇنۇشى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا.

كەمسىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرىدۇ. بىر ئائىلىدە ياشىغان ئانا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بولغان بولسا ئۇ ئائىلىسدىكىلەردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرىدۇ، ناۋادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلىپ قالسىلا مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ، ئۇنى ئائىلىدە يالغۇز قويىدۇ، بۇنداق بىمارنىڭ ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەردى تولۇپ تاشقىچە بولسىمۇ ھىچكىمگە دىيەلمەيدۇ، ھەتتا بەرداشلىق بېرىپ روھى جەھەتتىن تەلۋىلىشىپ بەزىلىرى ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىشىدۇ.    كەمسىتىلىش ـــ نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى قىلىچقا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى بىر-بىرلەپ چاناپ داغلىماقتا... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلىك گورۇپپا ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يۆلىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك بۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى يەنىلا نىسبەتەن يۇقۇرى ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، يۇقۇرى ئۆرلەش سۈرئىتىدە ئازراق ئاستىلاش بولغان؛ تۇمۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئاساسلىق يۇقۇملىنىش يولى بولۇپ قالغان؛ يۇقۇملىنىش يۆلىنىشىدە خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ يامرىغان بولۇپ، جەمىيەتتە بۇ ئەھۋال ئاللاقاچان نامايەن بولغان، ئالدىنى ئېلىش-كونترۇل قىلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن بولۋاتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر