ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2017/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا02

مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانا، سەھىيە  ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنى يۇقىرىقىدەك ئورۇنلاردا تەكشۈرتىڭ. ھەرگىزمۇ << يالاڭئاياق دوختۇر >> لارغا كۆرۈنۈپ داۋالانماڭ. ئەگەر لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، بۇ سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ۋە سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنىئسپاتلايدۇ. ئەمما، تېخى سىزنى ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى دېيىشكە بولمايدۇ.

     ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 8 -5 يىلغىچە بولىدۇ. بەزىدە 10 يىلدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ئاتلىق كېسەللىك يالماۋۇز تەرىپىدىن زىيانلانغۇچىلار بولۇپ، ئەتراپتىكىكىشىلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مىھرى - مۇھەببەت بېرىپ ئاسرىشى كېرەك. بۇ خىل كشىلەرنى كەمسىتىپ خورلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.

      سىز ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلسىڭىز، بىلىدىغانلىرىڭىزنىئۆپ - چۆرىڭىزدىكى دوست -بۇرادەر، ئەلۇ - قاياشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ.
ساۋات

1. ئەيىدىز كېسەللىكى بولسا ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ئۆتكۈر يۇقۇچان بىر خىل كېسەللىك. نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ئەمما ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئسپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىسى، سۈتى قاتارلىقلاردا مەۋجۇد بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى << جىنسىي ئۇچرىشىش، قان، ئانا - بوۋاق >>دىن ئىبارەت  3 خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ. زور كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار بارا - بارا تەرەققىيقىلىپ، 10- 5 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكى بىمارىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىپ، 3 - 2 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 

3. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ( قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىرلىكتە غىزالىنىش، قاچا - قۇچىلارنى، ئىشخانا بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ) تۈپەيلى ئەيدىز كېسەللىكى يۇقمايدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى تەرەت قاچىسى، تېلفون، قاچا - قۇچا، يوتقان - كۆرپە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، مۇنچىخانا قاتارلىق ئاممىۋىي ۋاسىتىلەر ۋە سورۇنلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ. يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، چىۋىن - پاشىلار چېقىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقمايدۇ.

4. پاك - دىيانەتلىك، ئىپپەت - نۇمۇسلۇق بولۇپ، جىنسىي ئەخلاققا ياخشى رىئايە قىلغاندا، جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى تولۇق ئالغىلى بولىدۇ.

5. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.

6. جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالاپ ساقايتقاندا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. رەسمىي دوختۇرخانىلار ھەقىقىي تۈردە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قاتتىق ساقلىغان ئاساستا، تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقمۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. زۆرۈز بولغاندا، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق لىنىيىلىك تېلفونلىرىغا تېلفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

7. شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىپ، زەھەر چېكىش بولسا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىدىن بىرى. شۇڭا، زەھەر چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم.

8. زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، قان سالدۇرماسلىق ، ئوكۇل ئۇرغۇزماسلىق ، يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەر بىلەن چىش تارتقۇزماسلىق ۋە چىشنى ئىسكەتلەتمەسلىككېرەك. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈلۈپ، يۇقلىقى ئېنىقلانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنىئىشلىتىش لازىم.

9. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئۇلار كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ئائىلە ۋە جەمىئىيەت ئۇلار ئۈچۈن دوستانە بولغان ، چۈشىنىشكە تولغان، ساغلام بولغان ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش مۇھىتى ھازىرىلاپ بېرىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ھالدىكى ياشاش پوزىتىسىيىسى ، خەۋىپلىك قىلمىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئۆزگىرىش، داۋالاشقا ماسلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرش ، رىىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولۇپلا قالماسىتن بەلكى يەنە، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئلىپ، جەمىئيەتنىڭ مۇقىم، خىرامان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇسۇللار

كىشىلەر HIV خەۋىپ ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋىپىى كىچىلىتەلەيدۇ. HIV دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپىنچە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەر ۋە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇم ئىشلىتىش

ئىچىگە كىرىدىغان جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارقىلىق قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە توغرا ئۇسۇلدا ئىزچىل ھالدا ئەر ۋە ئاياللىق گاندۇم ئىشلىتىش HIV نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەرلىك گاندۇم 85% تىن ئارتۇق ئەھۋاللاردا HIV ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملىنشلاردىن ساقلايدۇ.

2.HIV ۋە جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرتۈش

3. ئىختىيارى ھالدا ئەرلىك خەتنىسىنى قىلدۇرۇش

4. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش

5. ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەردىكى خەۋىپنى ئازايتىش (ئەسۋاب ۋە دورىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك)

6. HIV نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر