ئەيدىز ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى خەتلەر

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

      ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﮪﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ: ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻳﻼﺷﺘﯩﻢ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﻪﮪﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺩﯦﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﮪﺎﺳﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ، ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻜﻪ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ...ﺑﯜﮔﯜﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ 7-8 ﺩﻩﻙ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﭺ ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻧﻮﯞﻩﺕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 2 ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.131997.........ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ «..... ﻳﻪﻳﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، «卖肾» ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ،ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ، ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،ﺋﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.....
.ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺑﯜﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﻛﺎﺭﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﯜﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺍﻳﻠﻰ ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ، ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﯧﺠﯩﮕﯩﻠﻰ،ﺗﯩﺰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﮪﻪﻡ،ﻛﺎﺭﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ، ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺩﺍﺷﯚﻧﯩﯔ، ﺟﻮﯕﻴﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻛﺎﺭﯞﺍﺕ ﻗﯩﺲ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ 20-30 ﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ،ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ: ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺭﯗﻟﻰ ﺑﺎﺭ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺳﯜﻧﺌﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﺗﻤﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ،ﺑﯘﻧﻰ،ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ «ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﻟﻤﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺭﯦﺠﯩﺴﺴﻮﺭ ﻣﯘﺧﺘﻪﺭ ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯩﺴﻪﻟﮕﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻘﯘ،ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﺳﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ 2 ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﺪﻯ،ﺷﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺧﯘﺩﺩﻯ،ﺋﯚﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ. ﺋﻪﻣﺪﻯ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﺪﯗﺭ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ. ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﻩﻧﺖ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ(ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﻩﻧﺖ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ.ﺋﺎﻣﯩﻦ.) ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ،ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻗﻪﺭﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ،ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ «...ﻧﻰ ﻳﻪﻳﻤﻪﻥ » ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﭽﯘ؟ (
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، «ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻠﯩﻖ«ﺑﻪﭼﭽﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ»،ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ: 
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺭﻭﮪﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻚ،ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺭﻭﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﮪﯩﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﭘﺎﻛﯩﺰ،ﭘﺎﻙ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﮪﺎﻻﻝ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﺎﻻﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ (ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﮪﻪﻡ ﺑﯘ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ، ﺑﯘ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﮪﺎﻻﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. 
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ.
ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﮪﺎﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﯧﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻟﻼﺗﺎﺋﺎﻻ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯘﺭﺩﺍﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺳﻪﺩﯗﻡ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ، ﺳﻪﺩﯗﻡ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘﻻﯓ-ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻳﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﭼﭽﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻧﺪ- ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻗﯧﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﻯ. ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺵ-ﻛﯧﺴﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﮪﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮪﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻡ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﺰﺍﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺑﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺪﻯ، ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﯧﯩﮭﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: " ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ " ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ -ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﮪﺎﻟﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ، ﮪﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﯩﺘﺘﻲ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻼ ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻣﯘ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﯧﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﺎﻟﻼﺗﺎﺋﺎﻻ ﻟﯘﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﭘﺎﻝ-ﺗﺎﺵ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺩﯛﻡ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮪﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ. (ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ،620-621-ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.)
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﭼﭽﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﻪﭼﭽﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺵ-ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﺗﻘﯘﺯﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﺗﻘﯘﺯﯞﯦﺘﯧﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮪﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻻ- ﻗﺎﺯﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﺪﯗ؟ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﺗﻘﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﮔﯚﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﯞﯨﭽﯘ،ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺯﺍﯞﯨﭽﯘ؟ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪ؟ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯜﺭﯛﻟﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﺵ؟ﺭﻭﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﯞﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺷﻪﮪﯟﻩﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﭼﯘﻗﯘﻧﯘﺵ،ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﻪﻳﺶ -ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘﻕ ﺩﻩﭖ، ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﯘﭘﯘﺵ، ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ،ﻧﯩﻜﺎﮪﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ) ......ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ. ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ، ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ، ﮪﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪﺍ، ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻳﻠﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﮪﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻠﻰ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ ﮪﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺳﻮﺭﯨﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﺟﺎﮪﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ ﺑﯘ؟ ﺋﻪﻳﺶ -ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯜﺗﯜﺭﯨﺸﻰ -ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ .« ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻡ.»
ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ: ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯩﻴﯩﺶ، ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، WC ﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ «...ﻧﻰ ﻳﻪﻳﻤﻪﻥ»، ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ WC ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﯛﻣﻼ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ.ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﭼﯘﻗﻼ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ،ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﻳﻪﻳﻤﻪﻱ ﺩﻩﭖ WC ﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﮪﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ،ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺗﺎﺋﺎﻡ،ﻧﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻣﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﻣﻪﻗﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ «ﻳﻴﻴﯩﺶ»ﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ-«ﻳﯩﻴﯩﺶ» ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺯﯛﺭﯛﺭ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯘ؟ ﮔﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯘ؟ ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ WC ﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻗﯘﺭﻣﻪﻧﮕﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺭﻭﮪﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯜﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺭﻭﮪﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﮪﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯩﺮﻯ. ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﻗﯘﻝ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ، ﻣﻪﻗﻪﺗﻜﻪ(ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ) ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻪﻧﻰ WCﺩﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﻳﯧﻴﯩﺶ». ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮔﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺩﻩﯓ، ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻧﺎ-ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﻧﺪﻭﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ، ﻣﻪﻗﻪﺗﻜﻪ ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ،ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ،ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻤﯘ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ،ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ،ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ، ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﻙ،ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺩﺍﻧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻗﺸﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﯘﭼﯘﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﯞﺍﻳﺠﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ «ﻳﯧﻴﯩﺶ» ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺑﻪﺩﻩﻝ، ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ......ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ....ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﭽﯘ، ﺩﻭﺯﺍﻗﺘﯩﭽﯘ؟
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺯﻩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻗﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺭﯗﻟﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ «ﻳﯧﻴﯩﺶ» ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯩﻴﯩﺶ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺋﯘﻧﻰ-ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ، ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﭗ-ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻜﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ، ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯗﻟﻰ ﻛﯜﺭﯛﺵ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺘﯩﺘﯩﻢ ﺩﯨﺴﻪﻙ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﻳﯘﺭﯗﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ.ﻗﯧﻨﻰ،ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﻛﯩﻢ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﺍﺯﯨﻜﯩﻦ؟ﻣﻪﻗﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﯗﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﻠﻰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺵ،ﻣﯩﯖﻪ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻳﻠﻰ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺩﻩﭘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﺳﻪﻙ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﮪﯟﺍﻧﻰ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻳﺎﺷﺎﻣﺪﯗﻕ؟ ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻣﺪﯗﻕ؟ﺯﯨﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻣﺪﯗﻕ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ؟ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ؟ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ،ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ،ﭘﺎﻛﯩﺰ ﮪﺎﻻﻝ ﻳﺎﺷﺎﻳﻠﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﻰ - ﭘﺎﻙ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﺵ. ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر