• يېڭى ماقالىلەر

ئاپەت ۋە مۇھەببەت

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: نۇر تورى

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﺋﯘ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ

ﭘﻮﻻﺕ ﮪﯧﯟﯗﺯﯗﻟﻼ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ


   ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ، ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ. ﺋﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﻪﺳﭗ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ-ﺳﯧﭙﯩﺮ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﭻ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ ﮪﻪﻡ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﯞﻩ-ﺩﯙﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ- ﺩﻩ، ﺑﯘﺳﺎﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ، ﺋﺎﮪ ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻡ! «ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﺳﺎﯓ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ»! ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺕ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ-ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ، ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺋﺎﭘﻪﺕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺗﺎﻻﭘﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2016-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻢ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﮪﯩﻪ-ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ «ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﺎﻳﻠﻰ» ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 29-ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، 2016-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ 2016-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 10-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ 5273 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﻜﻪ-ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ 6-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﻟﻜﻪ-ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ-ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﻣﯘﺷﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 1995-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ %95 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮪﺎﺯﯨﺮ 2016-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ %11 ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ %25 ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ %3 ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﯩﯔ %80 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺘﯩﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﮪﯩﺸﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﮪﯩﺸﯩﯟﺍﺯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮪﻪﻡ ﺑﻪﭼﭽﯩﯟﺍﺯﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻻ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺭﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ! ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﮪﯘﺷﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﭼﯜﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻳﺴﯩﺮﻯ، ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﺋﯧﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﺗﻮﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺗﻮﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﯞﺍﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻜﻪ ﺳﯘ ﻳﯘﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ!
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻼ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﯩﺨﯘﺕ ﻳﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﯖﯩﺴﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻳﯩﻢ-ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗ، ﺋﻪﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﮪﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ-ﺧﻮﺭﺍﻣﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻡ ﺳﺎﻕ-ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺷﻪﮪﻪﺭ، ﻳﯧﺰﺍ- ﻗﯩﺸﻼﻕ، ﻛﺎﻥ ﺳﯧﺨﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﯚﻣﻪﻙ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭙﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻳﻪﻧﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﺍ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ 300 ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 100 ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ 
http://www.xjaids.com
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻟﯘﻧﯩﻤﯘ 新疆防治艾滋病 ﻣﺎﻛﺎﻥ-ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺭﺍﺩﯨﻴﯘ-ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﯨﺮﻻﺭﻣﯘ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ-ﭘﯩﺮﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﮪﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ، ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﺎﺭﺩﯨﻢ-ﺗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺋﺎﺗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﭘﺎﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﮪﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ-ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻗﺎﭼﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﻐﻪﻣﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﺵ، ﭼﯜﭼﯜﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻱ-ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﻩﻙ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺵ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻨﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺭﻩﮪﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ، ﺷﯘﯕﺎ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻗﺎﭼﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ-ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﺵ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﺋﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮪﻪﻡ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

 ("ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ" ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر