ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﭘﻮﻻﺕ ﮪﯧﯟﯗﺯﯗﻟﻼ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ

ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ،
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﻪﺕ،

 ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﻻﻕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺘﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﮪﻪﻡ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﯞﺍ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻳﻤﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯘﻗﻘﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﻮﺳﯟﺍﻧﺎ ﺯﻭﯕﺘﻮﯕﻰ ﻣﻮﻛﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯩﺮﺩﺍﯞﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: “ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ! ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﮪﺘﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ، ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪ!”.
ﺯﻭﯕﺘﻮﯓ ﻣﻮﻛﺎﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ،  ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 600 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﮪﺎﻟﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﺳﯩﯟﺍﻧﺎﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻣﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﮪﺎﻟﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﺳﯟﺍﻧﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﮪﺪﯨﺪﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ-ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯩﺮﺩﺍﯞﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ-ﮪﻪ!
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻣﯚﻟﺪﯛﺭﻟﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﭺ ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ،ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ-ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯛﻣﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﯜﺭﯨﯟﯦﺮﯨﻤﯩﺰ. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﭼﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻩﺯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻼ ﺋﯚﻣﯜﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻰ ﻛﯜﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ-ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.
(ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ   ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ)
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر