• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان 5تۈرلۈك ئىپادىسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ؟


1. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ 2 ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﯓ: ﺋﯘﺩﺍ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰﻻ ﺑﻮﻏﯘﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ %10 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻳﻨﯩﺶ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﯞﻩ ﺑﻮﻏﯘﻣﻼﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﻪﺳﯟﻩ ﭼﯩﻘﯩﺶ. ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ 2 ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ 6 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ 6 ﮪﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﺸﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻏﯘﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺋﻪﺳﯟﻩ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺩﺍ 2 ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ 2 ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
3. ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ
ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﻤﺎﺭ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ «ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﻪﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ» ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 10-8 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
4. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﻪﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ، ﻗﺎﻥ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﻻﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯟﯨﺴﯩﻤﺎﻥ ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﯗﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺗﯧﺮﻩ ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﯗﻍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﻪﻟﯟﺍﻏﺴﯩﻤﺎﻥ ﻗﻮﻗﺎﻕ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺗﯧﺮﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
5. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ
ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺗﯘﺑﺮﻛﻠﻴﯘﺯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر