• يېڭى ماقالىلەر

جۇڭگودىكى ئەيدىزلەرنىڭ سانى 665 مىڭغا يەتتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
 يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. دۆلىتىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى؟ ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇانسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ۋە قوللىنىدىغان تەدبىرلەر قايسىلار؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى:

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋىيەسى تۆۋەن.
دۆلىتىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قايسى جەھەتلەردە نەتىجىگە ئېرىشتى؟
ۋاڭ گوچياڭ: «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلار پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمەت، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈردى. نەتىجىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان ئارقىلىق ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇشى، شۇنداقلا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى؛ گەرچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسى تۆۋەن ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «12-بەش يىللىق پىلان» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلانلار ئورۇندىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى قانداق؟
ۋاڭ گوچياڭ: 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 665 مىڭ، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك قازا قىلغانلار سانى 209 مىڭ بولدى؛ 2016-يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بولغانلار سانى 124 مىڭ بولدى؛ نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي يول ئارقلىق تارقىلىشى دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ، 2016-يىلى بۇ يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا سانى 118 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي ئەيدىز بىمارلىرى نىسبىتىنىڭ %94.7 نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوخشاش بولمىغان جىنسلار ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار نىسبىتىنىڭ %73.1 نى ئىگىلىدى؛ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى تارقىلىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، يىللىق دوكلاتتىن ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلار نىسبىتىنىڭ 2010-يىلىدىكى %12 تىن 2016-يىلىدىكى %27.6 كە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناۋسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تاقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق قىيىنچىلىق قايسى؟
ۋاڭ گوچياڭ: ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن نۇقتا. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشى شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى كۈچلۈك بولغاچقا پاھىشىۋازلىق قىلىش، توپلىشىپ زەھەر چېكىش ۋە باشقا بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئەيسىز ۋىرۇسى تارقىلىشىنى كونترول قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋەتتى؛ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىنى ئاشۇرىۋەتتى.
ئالدىنى ئېلشىنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال داۋالاشنى«13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشىغا قارىتا قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟
ۋاڭ گوچياڭ: ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى بىلەن «<ساغلام جۇڭگو 2030> پىلانى»، «سەھىيە ۋە ساغلاملىقنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»، قاتارلىق چارە-تەدبىرلەردىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدىغان بولۇپ، كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئازايتىش. 1. تەشۋىق-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش. 2. ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىش. 3. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىشىغا ھەرىكەتلەندۈرۈش.
ئىككىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى بايقاش بىلەن داۋالاشنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش. 1. تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىش. 2. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ قاپلاش دەرىجىسىنى كېڭەيتىش، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىش.
ئۈچىنچىدىن، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش. قانۇن بويىچە پاھىشىۋازلىق ئورۇنلىرى، زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق جازالاش ۋە قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسى تارقاتقۇچىلارغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر