تارقىتىڭ! ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭگو ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2010-يىلىدىكى 794 نەپەردىن 2015-يىلى 3236 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالى بارلىقى دوكلات قىلىنغان.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېلىمىزدە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلاشماقتا. 2015-يىلى يېڭى بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %12.3نى، ئوتتۇرا تېخنىكوم-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %77.5 نى، ماگىستىرلار %10.2 نى ئىگىلىگەن؛ ئوغۇل-قىزلارنىڭ نىسبىتى 46:1 بولغان، ئوغۇللارنىڭ ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى %82.6 نى ئىگىلىگەن.
2007-يىلدىن بۇيان ئوغۇل ھەمجىنىسلار ھەمدە ياش ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان. يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %90 تىن ئارتۇقى ئاساسەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئاساسلىق يۇقۇش يولى ھەمجىنىسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بولۇپ، %70 كە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئوغۇل ھەمجىنىسلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، ئوقۇغۇچى يۇقۇمدارلار سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.

ئەيدىز ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرماقتا
مەملىكلەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ خۇڭ ئىككى يىغىندا «ئەيدىز ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرماقتا، دۆلەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئالىي مەكتەپلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، سەھىيە تارماقلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىشى كېرەك...»، دەپ تەكلىپ سۇنغان.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتىكى يېتىلىشىگە سەل قارىماي، بالىلاردىكى بىنورمال پسىىخك ھالەت ياكى قىلمىشلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
بۇ ئۇچۇرنى باشقا ئاتا-ئانىلار، ياشلارنىڭمۇ كۆرۈشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنۇتماڭ، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقانغا پەقەت دەقىقە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتى قوزغىلىپ، ياشلارنىڭ بىھۇدە ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇش مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر