• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ؟
1. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.
(1) ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ 1/1500-1/10 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/3000-1/700 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/2000-1/200 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/10000 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 10 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
(2) ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻻ ﮪﻪﻣﺮﯨﻴﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %50 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ 5 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
(3) ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ: ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %100 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ 5-4 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ 18-6 ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %90 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻏﻪﺭﺏ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﻯ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 13-11 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %50، 2 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %70، 3 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ %85، 5 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %100 ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
2. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻗﯩﺴﯩﻘﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ، ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ 2-ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر