• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ۋە بۇ جەرياندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺩﻩﺭﮪﺎﻟﻼ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ.

 ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ 12-2 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﺪﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﺪﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

 ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ: ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺵ، ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ، ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺮﺍﭘﻼ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﮔﻪﺟﮕﻪ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﺘﯘﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺸﯩﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺗﯧﺮﯨﺪﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯧﺮﻩ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯧﺮﻩ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳﯟﻩ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ، ﻛﺎﭘﻮﺯ ﺳﺎﺭﻛﻮﻣﯩﺴﻰ، ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﮪﯚﻝ ﺳﯚﮔﻪﻝ، ﻳﻪﻟﺘﺎﺷﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ: ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 3 ﭼﻮﯓ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﯓ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮪﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر