• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ قانچىلىكى ھەقىقىي ئەيدىز بىمارىغا ئايلىنىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 6-3 ﮪﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟

ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ 5 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %30-%10 ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، %30-%25 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﭘﺮﯨﻨﺎ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻗﺎﭘﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﺗﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ (%60)، ﻛﺎﭘﻮﺯ ﺳﺎﺭﻛﻮﻣﯩﺴﻰ (%33) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 6-3 ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ، ﺑﻮﻏﯘﻣﻼﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ 14-7 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، 6-2 ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺯﻩﺭﺩﺍﺑﻰ ﺋﺎﻧﺘﯧﺘﻼﺳﻰ ﻣﯘﺳﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﻤﺎﺭ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ 9-8 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ 1.2 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.  

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 8-6 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 15 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر