ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؟
ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯨﻘﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻮﻗﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ-ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭﻣﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻐﻪﻣﻠﻪﺭﭼﻪ ﻳﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭗ، ﺭﻭﮪﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ «ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﭘﻤﻪﻙ» ﮪﺎﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻼ ﺩﻩﺭﺕ-ﺋﻪﻟﻪﻡ، ﺋﯩﮕﯩﺰ-ﭘﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮪﯘﺷﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ-ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﻜﯩﺮﯨﻐﺎ-ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﺕ-ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﻨﯘﺕ-ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮪﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺩﻩﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﺎﭘﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻮﭘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﮪﻪﻡ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەيدىزنىڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىنى بىلەمسىز؟ نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر يوشۇرۇن مەزگىلىدە ھېچقانداق ئۆزى سەزگۈدەك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كې
ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى تۆت تەكلىپ، ئىككى ئىلتىماس شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆ
پىرىماتلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىكىدىن ئەملىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار ئىكەنلىكى بايقالدى پىرىماتلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىكىدىن ئەملىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار ئىكەنلىكى بايقالدى cnBeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تەتقىقاتچىلار غەربىي ئافرىقىدا بىر خ
ئەيدىزگە گىرىپتار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىزگە گىرىپتار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى سىنىقى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە باشلىنىدۇ شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ 24-يانۋار ۋاشىڭگىتوندىن بەرگەن تېلگىرا
«مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى نۇر تورى تەرجىمىسى. يۇتقىلى بولىدىغان، ئاشقازاندا تۇرۇپ ئۇدا نەچچە كۈن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىرىكمە دورا قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر خىل مىكرو دورا قۇتىسى كەشىپ قىلىند
