بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن راستىنلا ئەيدىز يۇقامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ AIDS ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﺎﻣﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ AIDS ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ؟


ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 1-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 2-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 3-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 4-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ.
HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/10 ﺩﯨﻦ 1/1600 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻪﺭ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 10 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ. HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/200—1/2000، ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1/700—1/3000 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﺎﺯﯨﺮﭼﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯩﺘﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ.


ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﯞﯨﺮﯗﺳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﯩﺘﺎﺳﺘﯩﻜﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %48-%13 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ %0.3 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %100-%90 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ، HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ %10-%5 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ %30-%10 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ %0.1-%0.01 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %1-%0.1 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ؟
ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ 3 ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

1-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺯﯗﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﺑﻮﻏﯘﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺋﻪﺳﯟﻩ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. 3-2 ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
2-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ، ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ. ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﯩﯔ %80 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺘﻠﯩﻖ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﻳﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯧﺘﯩﺮ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 800 ﺩﯨﻦ 1000 ﮔﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺘﻠﯩﻖ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯧﺘﯩﺮ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺘﻠﯩﻖ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 70-50 ﻛﯩﭽﻪ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯧﺘﯩﺮ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺘﻠﯩﻖ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺳﺎﻧﻰ 200 ﮔﻪ ﺋﺎﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 2 ﻳﯩﻞ، ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، 20 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ 5-4 ﻳﯩﻞ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ 13-11 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ 13 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺘﻠﯩﻖ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻐﺎ ﻳﯘﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، 24-6 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯗ.
ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻗﻮﻗﺎﻕ، ﻣﯧﯖﻪ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﻠﻴﯘﺯﻯ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 100 ﺟﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﯩﯖﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯚﺯﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻳﺪﯗ، ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ، ﺩﯦﯟﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺋﯧﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺮﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر