• يېڭى ماقالىلەر

قەغەز پۇلدىن ئەيدىز يۇقىدۇ... بۇ قانداق گەپ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺳﯩﻔﯩﻠﯩﺲ ﺳﭙﺮﻭﺧﯧﺘﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ، ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺪﯨﻠﻮﻣﺎ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ، ﮪﻪﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺭﺍﺳﺖ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟ 
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ، ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯦﺰﯨﻨﻔﯧﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻤﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ!؟

ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻣﯘﮪﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﮪﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻣﯘﮪﯩﺘﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺷﺎﺭﭼﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﻠﻴﯘﺯ ﺗﺎﻳﺎﻗﭽﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺯﻩﻣﺒﯘﺭﻍ ﺳﭙﻮﺭﺍ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮪﯩﺘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺳﯩﻔﯩﻠﯩﺲ ﺳﯧﭙﺮﻭﺧﯧﺘﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﯩﻤﻔﺎ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺳﯩﻔﯩﻠﯩﺲ ﺳﯧﭙﺮﯨﺨﯧﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ)، ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ.

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻧﻨﺎ، ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ، ﮪﯚﻝ ﻟﯚﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﻪﻡ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻳﯘﻳﯘﺷﻰ ﮪﻪﻡ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻮﭘﯘﻥ، ﺳﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ، ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯩﭙﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺧﺎﺗﺎ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻮﻧﯘﺵ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر