• يېڭى ماقالىلەر

ھۆكۈمەت ئالدىدا يالىڭاچلانغان ئايال

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

-ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا بىر ئايال ئىشتان-كۆڭلەكلىرىنى سېلىپ يالىڭاچلىنىپتۇ...


 ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا «باتۇرلۇق» بىلەن يالىڭاچلانغان بۇ ئايالنىڭ «جاسارىتى» خۇددى «سىياسى ئۆكتىچى»نىڭ قىلمىشىدەك دەرھال دىققەتنى بۇراپتۇ، قاتتىق غۇل-غۇلا قوزغاپتۇ. بۇ ئايال نېمە دەردىگە، قايسى ناھەقچىلىققا چىدىماي قالغاندەك ئىجتىمائىي تەرتىپكە قارشى چىقىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا ساراڭلارچە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ! نومۇس قىلىشنى، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشنى، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىلمەيدىغان قانداق ئايال بۇ! پەردىشەپنى قايرىپ قۇيۇپ يولسىزلىق قىلىدىغان جاھان دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامدۇ! بىر ئايال كىشى كۈپكۈزدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا خىجىل بولماي كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يالىڭاچلىنىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى-ھە! نېمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇنداق ئىجىمائىي مەدەنىيەتكە خىلاپ بولغان توغرا بولمىغان ئۇسۇل بىلەن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ! ئۇنداقتا بۇنداق ھاياسىزلىق ھەم تەلۋىلىك بىلەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى ئاممىۋى سورۇندا يالىڭاچلىنىپ يۈرگۈدەك نېمە قىيىنچىلىقى ۋە قانداق ھەل قىلالمىغان باش قېتىنچىلىقى بار ئايالدۇ بۇ! ئۇنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا كىيىمىنى سېلىۋېتىپ قارشىلىق بىلدۈرۈشكە نېمە مەجبۇر قىلغاندۇ!؟ بۇ ئايالنىڭ ھەل قىلالمىغان  نېمە مەسىلىسى باردۇ-ھە!...
  كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ گەپ. جەمئىيەتتە ياخشى خەۋەرلەر بىلەن يامان خەۋەرلەر ئەڭ تېز تارقىلىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئاڭ-تەپەككۇرىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن خەۋەرنىڭ سەۋەپ-نەتىجىسىگە بولغان باھا-چۈشەنچىسى ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتتىكى خەۋەرلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق.
     ئەسلىدە  ئۇ ئايالنىڭ ئۆزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، باشقا ناھىيىلەردە سەييارە ھالدا ئويناپ يۈرۈپ پۇل تاپقاچ ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كىيىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ناھىيە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز يۇرتىغا قايتۇرىۋېتىلگەن ئىكەن. بۇ ئايال ئۆز ناھىيىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كىيىن، ئەمىسە مېنى داۋالاپ بۇ كېسەلدىن تولۇق ساقايتىپ قۇيۇڭلار دەپ تۇرىۋاپتۇ، ئۇنداقتا دۆلەت ھەقسىز بىرىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشنى دەرھال باشلاڭ، ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئۈزۈپ قويماي كۈندە يەپ بەرسىڭىز، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرسىڭىز ساغلاملىقىڭىزنى قوغداپ ھېچنېمە بولمايسىز دېگەندە، مەن بۇنداق بىر ئۆمۈر كۈندە دورا يەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مېنى دوختۇرخانىدا داۋالاپ بۇ كېسەلدىن تولۇق ساقايتىپ قۇيۇڭلار دەپ تۇرىۋاپتۇ. بۇ كېسەل تولۇق ساقايمايدۇ، پەقەت كۈندە ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز سالامەت تۇرىۋېرىسىز دەپ چۈشەندۈرۈلسىمۇ، مېنى بۇ كېسەلدىن داۋالاپ ساقايتىپ قويمىساڭلار بولمايدۇ دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالغان ئىكەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ ئايالغا ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا مۇئاملە قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ توغرا ئۇسۇلىنى قايتا-قايتا سۆزلەپمۇ چۈشەندۈرەلمەي،  كىيىنچە چۈشىنىپ قالارسىز دەپ ئۆيىگە قايتۇرىۋەتسە، بۇ ئايال ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۈپكۈندۈزدە ھەممە كىيىملىرىنى سېلىپ يالىڭاچلانغان ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنى مەخسۇس ماشىنىدا ئىككىيلەن ئۈرۈمچىگە 4-دوختۇرخانىغا (روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى) تەكشۈرتكىلى ئەكىتىپتۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئازابى بۇ ئايالنى روھى كېسەل قىلىپ قويغانمىدۇ-ھە!...
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر