ئېرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈرەك نىداسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﺋﯧﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﻩﻙ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﺑﻮﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ  ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﯩﻜﺎﮪﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﮪﯧﻘﯩﻠﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻣﯘﯓ ﮪﻪﻡ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﮪﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
   -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻡ، ﺗﺎﭘﺎ-ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯩﺴﻪ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﮪﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺯﯨﺘﯩﯟﯦﺘﻪﻣﺪﯗﻕ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗﻕ، ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻻﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ! ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﻪﻥ! ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻢ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻴﯩﭗ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ، ﮔﺎﭼﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﺩﻭﺭﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮪﯘﺷﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻢ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯘﺭ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﺸﯩﻨﻰ، ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺳﺎﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ...
ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﯜﺭﯛﻛﻰ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺋﯚﺭﺗﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﭻ-ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯘﯕﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻯ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮪﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪﻙ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﮔﺎﭼﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺭﻭﮪﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺳﯩﺰ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﭼﯚﻛﻜﯩﻨﯩﭽﻪ  ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
   ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﺑﺎﻻ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﻩﻙ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﻪﻣﺮﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ  ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر