ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
 ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﻳﺎﺵ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. 2017-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﻐﯩﭽﻪ، ﻳﯚﻟﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 603 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﯞﺍﮪﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﻳﯚﻟﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﯚﻟﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ، 2017-ﻳﯩﻠﻰ 21-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ 106 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
 ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯚﺭﯛﯓ!
ﺧﯘﻧﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ 2014-ﻳﯩﻠﻰ 138 ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ، 2015-ﻳﯩﻠﻰ 154 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﺍ 37 ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ.
ﺟﻴﺎﯕﺴﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ 2011-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2015-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ، ﺟﻴﺎﯕﺴﯘﺩﺍ 15 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 24 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ.
ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﺪﻩ 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 2014-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %31.4 ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﺧﯘﺑﯧﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ 2015-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، 139 ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 537 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺟﻴﺎﯕﺸﯩﺪﺍ 1994-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 12 ﻣﯩﯔ 94 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ، 2016-ﻳﯩﻠﻰ 31-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺟﻴﺎﯕﺸﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 320 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.
 ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺪﯗ؟
ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮪﻠﯩﻠﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ:
1. ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ.
ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
2. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ
ﮔﯘﺍﯕﺠﯘ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ «ﺩﻭﺳﺖ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ. ﺧﯘﺍﻧﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﭼﯧﻦ ﺩﯗﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﻩ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻱ، ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
3. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﻻﻕ
ﭼﯧﻦ ﺩﯗﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺪﯗ؟
ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﻰ.
ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯦﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ، ﮪﯚﺳﯩﻦ ﺗﯜﺯﻩﺵ، ﭼﯩﺶ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯩﺸﯩﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺶ ﭼﻮﺗﻜﯩﺴﻰ، ﭼﯩﺶ ﻛﻮﻟﯩﻐﯘﭺ، ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺷﻪﮪﯟﺍﻧﯩﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﺎﻧﺪﻭﻧﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﺴﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﺴﻰ، ﺗﯧﺮﻩ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﻳﺎﺭﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻤﯩﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻳﯘﻗﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻤﯘ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﺑﺎﺭ.
ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﻰ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺳﯘ ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻳﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﺎﺷﺎ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر