بىر شىركەت ئۆزىنىڭ يېڭى دورىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئاجىزلىتالايدىغىنىنى ئېيتتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

فرانسىيەدىكى بىر شىركەت ئۆزىنىڭ  يېڭى دورىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئاجىزلىتالايدىغىنىنى ئېيتتى

فىرانسىيەدىكى كىچىك تىپتىكى بىيوتېخنىكا كارخانىسى ABIVAX يېقىندا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر خىل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا دەسلەپكى كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە ئادەم تېنىگە يوشۇرۇنغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئامبىرىنى ئاجىزلىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنى ئىقتىدار خاراكتېرلىك داۋالاشقا ئۈمىد ئاتا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 

دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار ئادەتتە پەقەت بىمار تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ئەمما تەلتۆكۈس تازىلاپ چىقىرالمايدۇ، سەۋەبى ۋىرۇسنىڭ DNAسى ئىزچىل تۈردە ھۈجەيرە ئىچىدە ساقلىنىدۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان قوزغىلىپ ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىدۇ. شۇڭا «ساقلىنىش مىقدارىنى يوقىتىش» ئەيدىز كېسىلىنى ئىقتىدار خاراكتېرلىك داۋالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.

ABIVAXنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ HIVغا قارشى يېڭى دورىسى ABX464 تۇنجى قېتىم ۋىرۇس ئامبىرىنى ئاجىزلىتىشتەك داۋالاش ئۈنۈمىنى نامايەن قىلغان. 

ئىسپانىيە، بىلگىيە ۋە فىرانسىيەدىكى 30 نەپەر HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇ باسقۇچتىكى كىلىنىكىلىق سىناققا قاتناشقان. سىناق باشلىنىشتىن بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى HIV ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلار ئارقىلىق ياخشى كونترول قىلىنغان. ئەسلىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئاساسىدا، قىسمەن يۇقۇملانغۇچىلار ABX464دا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، يەنە بىر تۈركۈم يۇقۇملانغۇچىلار بەزلەش دورىسىغا ئېرىشكەن. پۈتكۈن داۋالاش باسقۇچى 28 كۈن داۋام قىلغان. 

تەتقىقاتچىلار كىلىنىكىلىق سىناق باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە 28 كۈندىن كېيىن  يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئايرىم-ئايرىم قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنىدىكى تاق يادرو ھۈجەيرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى DNAسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆلچەپ، بۇ ئارقىلىق HIV ۋىرۇسىنىڭ ئومۇمىي ساقلىنىش ئەھۋالىنى بېكىتكەن. 

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، باھالاشقا بولىدىغان تەجرىبە ئوبيېكىتلىرى تۆت نەپەر بەزلەش دورىسى ئىشلەتكەن يۇقۇملانغۇچى ۋە 14 نەپەر ABX464دا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ABX464دا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يەتتە نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ھەر مىليون دانە قان تاق يادرو ھۈجەيرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى DNAسىنىڭ سانى ئوتتۇرىچە %40 ئازايغان، ئازلاش مىقدارى بەزلەش دورىسى ئىشلەتكەنلەردىن كۆپ يۇقىرى بولغان. 

بۇ شىركەتنىڭ تېببىي باش نازارەتچىسى مارك سېتننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىلىنىكىلىق تەجرىبىنىڭ نەتىجىسى تۇنجى قەدەم، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەن. كېيىنكى قەدەمدە ئۇلار ABX464دا داۋالاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ۋىرۇس مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازلايدىغان ياكى ئازلىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئىقتىدار خاراكتېرلىك داۋالاشقا ياردەم بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر