ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

گەرچە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار خېلىلا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەردە نۇرغۇن خاتا قاراش مەۋجۇت. بۇ خاتا قاراشلار قايسىلار؟

1. سۆيۈشۈشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدۇ.

بۇ قاراش ئانچە توغرا ئەمەس. سۆيۈشۈش ئارقىلىق ئالمىشىدىغان شۆلگەينىڭ مىقدارى نەچچە 10 مىللىلېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ شۆلگەيدىكى مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچقا بۇ خىل ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇپ قالمايدۇ. بىراق، ئېغىز بوشلۇقى يارىلانغان ياكى ئېغىزدا يارا بار ئەھۋالدا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

2. سۇ ئۈزۈشتىن، پاشا قاتارلىق ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشىدىن ئەيدىز يۇقىدۇ.

بۇ قاراش خاتا. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ قېنى تەركىبىگە ياكى لىمفا سىستېمىسىغا كىرسە ئاندىن يۇقىدۇ. سۇ ئۈزگەن ۋاقىتتىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تېرىدىن ئۆتۈپ بەدەننىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى پاشا قاتارلىق ھاشارەتلەرنىڭ بەدىنىدىمۇ ياشىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاشا چاققاندا ھەرگىز بەدىنىدىكى قاننى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزمەيدۇ، بەلكى ئادەم بەدىنىدىكى قاننى سۈمۈرىدۇ.

3. ئەيدىز بىمارى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇش، بىللە تاماق يېيىش، بىر ئۆيدە تۇرۇشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدۇ.

بۇمۇ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان خاتا تونۇش. ئەيدىز بىمارلىرى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، بىللە تاماق يېيىش، يۆتىلىش، ئىشخانىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، ئاممىۋىي ھاجەتخانا، ئاممىۋىي تېلېفون قاتارلىقلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بەكلا ئاجىز بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلسىلا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىمارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىن كۆپ مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاجرىلىپ چىقىپ، مەلۇم يوللار ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە كىرگەندە ئاندىن يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ.

4. ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن ئاياللار بالىلىق بولسا بولمايدۇ.

بۇ قاراش ئانچە توغرا ئەمەس. دوختۇرلار ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن ئاياللارغا ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق تەكلىپى بېرىدۇ. بىراق، ھەر بىر ئادەمنىڭ بالىلىق بولۇشنى قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ناۋادا ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بالىلىق بولۇشنى قارار قىلغان بولسا دوختۇردىن بالدۇرراق مەسلىھەت ئېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم.

5. ئىسپېرمىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

بۇ ئانچە ئىشەنچلىك قاراش ئەمەس. گەرچە ئىسپېرمىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنىڭ خەتىرى بەدەن ئىچىگە چىقىرىلىشىنىڭ خەتىرىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. 

ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق ئەھۋللاردا يۇقۇپ قالىدۇ؟ 

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەملەردىن پەرقلەنمەيدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قېلىش خەتىرى چوڭ بولىدۇ:

1. ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش.

2. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان سالدۇرۇش، يىلىك ۋە ئەزا كۆچۈرتكۈزۈش.

3. ئېغىز بوشلۇقى يارىلانغان ياكى ئېغىر يارىسى بار ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن سۆيۈشۈش.

4. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قالغان، ئەمما دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئىشپىرىس، يىڭنە قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن چىش چوتكىسى، ئۇستۇرا قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈنلا ياشىيالايدۇ. 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇلسا، قۇرغاق ياكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە «دورىلىرى» ئىشلىتىلسە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىۋەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا، تېرە زەخمىلىنىپ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قېلىش خەتىرى چوڭ بولسا قوللىنىدىغان ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يارا ئېغىزىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان قاننى سىقىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن پاكىزە يۇيۇش؛ ناۋادا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بولمىسا سوپۇن ياكى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىقمۇ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر