• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ دەردى ۋە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنمۇ بىر يۇقۇملانغۇچى، يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەندىن باشلاپ كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز، قايغۇرۇش، ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. تېخى دورا يىيىشنى باشلىمىدىم، كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس، ھەم نۇرغۇن ئىشلار سەۋەپلىك ۋاقتىنچە دورىنى يىيىشنى باشلىمىدىم. بۇ كېسەل بولغانلار نۇرغۇن ئىشلاردىن مەھرۇم قالىدىكەنمىز، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزمۇ يۇقۇپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرەپ بىزدىن قاچىدىكەن، يالغۇز تىكەندەكلا ياشايدىكەنمىز، بۇنى ئاز دەپ كىيىنچە باشقىلارنىڭ كېسىلىمىزنى بىلىپ قېلىشىدىن ھەم كەمسىتىشىدىن ئەسلى قورقۇدىكەنمىز، ناھايىتى بەك قورقۇنچلۇق ۋەھىمە بېسىپ كېتىدۇ. كىيىنچە قانچىلىك ئادەملەر بىلىپ كىتەر، دوختۇرخانىغا دورا ئالىدىغان ئىشخانىغا كىرسەم تۇنۇشلۇرۇم كىرىپ قالسا، دورا بىرىدىغان دورا بۆلۈمىگە كىرسەم يەنە قانچىلىك تۇنۇشلۇرۇم كۆرۈپ قالار، ماڭا بۇ ئىشلار ناھايىتى زور بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار خەقلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ياكى دورا ئالغىلى بارغاندا تۇنۇپ قېلىشىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ، كۆزەينەك، ماسكا تاقاپ كىرسە قانداق بولار، ماڭا كۈندە بىر ۋاقلىق كەچتە يەيدىغان يېڭىدىن چىققان دورىنىڭ ئەڭ نوچىسىنى بەرمەكچى بولغان، ئىچكى ئەزالىرىممۇ ساقكەن، ھازىر شۇ درا يىيىشنى باشلىسام بولاتتى...

خەقنىڭ ئالدىدا ئەيدىز دېگەن ھاقارەتلەرنى، كەمسىتىشلەرنى پەقەتلا ئاڭلىغۇم يوق، بىز بەك بىچارىكەنمىز، جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدىكەنمىز، ھەم دەككە-دۈككە ئەنسىرەش ئىچىدىلا ئۆتىدىكەنمەز، بۇ بىزگە نىمە كۈن…  

يۇقىرىقى مەزمۇن بىرەيلەننىڭ مۇشۇ نۇر تورىدىكى ئەيدىز توغرىسىدىكى مەن يازغان بىر ماقالىغا يېزىلغان ئىنكاسى ئىكەن. مەن بۇ ئىنكاسنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ توردۇشىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى چۈشەندىم، شۇنداقلا بۇنداق ھېس-تۇيغۇغا دۇچار بولۇپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئاز بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلى بر تەرەپتىن، پەيدا بولۇش ھەم تارقىلىش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلار يۇقۇملىنىدۇ دەيدىغان يامان ئاتاققا ئىگە بولۇپ قالغان يۇقۇملۇق كېسەل بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرچە ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىقىلى بولمايۋاتقان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولغاچقا، شۇنداقلا، يۇقۇملانغۇچىلار ئائىلىدە، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا، يۇرت-مەھەللىدە، ئىش-خىزمەت ئورنىدا، ئوقۇش-بىلىم ئېلىش يولىدىكى مەكتەپلەردە، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ھېچقانداق تۇنۇشلىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مەيلى ئۆزى سەۋەپلىك، مەيلى باشقىلار سەۋەپلىك، ياكى تەسادىپى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، ۋە ياكى قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالدىمۇ بولسىمۇ، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك» ئۇۋالچىلىق بىلەن ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىقى، چەتكە قېقىلىدىغانلىقى، كەمسىتىلىدىغانلىقى، مۇشۇ جەرياندا بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلۇپ، بەزىلىرى ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ يېنىدىن قوغلىنىپ، بەزىلىرى خىزمەت-ئوقۇشتىن توختىلىپ، بەزىلىرى خىزمەتكە ئېلىنالماي قېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دۇچار بولىۋاتقاچقا، يۇقۇملانغۇچىلار روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەسلىدە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار باشقىلار ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن ھېچقانداق باشقىچە مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغان بولسا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقمىغان بولاتتى. بەلكىم، جەمئىيەتتە يەنىلا ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ئەشۇنداق قاراشتا بولۇش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى توختىتىش، چەكلەش ئارزۇسىدا بولغانلىقى دەپمۇ ئويلىشىمىز مۇمكىن. يەنى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تەغدىرى ئارقىلىق باشقىلار ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن دەپ چۈشىنىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇنداق ئويلاش-قاراش ھازىر رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى، نۆۋەتتە ئاز بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى توغرا بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ قىلمىشى سەۋەپلىك زەنجىرسىمان ئۇسۇلدا يۇقۇملىنىش مەسىلىسىگە دۇچار بولىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار كەمسىتىلسە ئەلۋەتتە ئۇۋالچىلىق بولىدۇ. دېمەك، نۆۋەتتە ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن يۇقۇملىنىشقا دۇچار بولىۋاتقانلارنى قارا-قۇيۇق كەمسىتىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشنەلمەيۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشىدۇر. جۈملىدىن، يۇقۇملۇق كېسەلنى كەمسىتىش بىلەن توسقىلى، چەكلىگىلى بولمايدۇ. ئەمما، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق بىرتەرەپلىمە قارىشىنىڭ يۇقۇلۇشىغا بىر زامانلار كېتىشى مۇمكىن.

شۇڭا، نۆۋەتتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش كېرەك. مەيلى قانداق سەۋەپلەردىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن قەتئىنەزەر، رىئاللىققا يۈزلىنىپ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. توغرا، گەپنى بۇنداق دېمەككە ئاسان. ھەر كىم ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەندە چۈشىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەيدىز بېشىمىزغا كەلدى. يۇقۇملىنىشتىن ئاۋال ئەيدىزدىن قاچقان بىلەن، يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كىيىن، نۆۋەتتىكى ئەيدىزنى داۋالاش ئەھۋالىدا ئەيدىزدىن قېچىپ ئايرىلىپ كېتەلمەيمىز، ئەيدىز ۋىرۇسىىنى بەدىنىمىزدىن ئېلىپ تاشلاپ چۆرىۋېتەلمەيمىز. مىڭ پۇشايمان قىلساقمۇ، ئاغرىنساقمۇ، قاخشىساقمۇ، ئازاپلانساقمۇ، دەرت-ئەلەمدىن پۇچىلانساقمۇ، مۇڭ-ھەسرەتتىن چۈشكۈنلەشسەكمۇ، يۇقۇملىنىشىمىز مەيلى ئۆزىمىزنىڭ قىلمىشى ياكى باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن بولسىمۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ سەۋەبىنى بىلسەكمۇ ياكى بىلمىسەكمۇ، يۇقۇملانغانلىقىمىزنى بالدۇر بايقىساقمۇ ياكى كىيىن بايقىساقمۇ، يۇقۇملانغانلىقىمىزدىن نومۇس قىلساقمۇ ياكى كەمسىتىلسەكمۇ، يۇقۇملانغانلىقىمىزنى باشقىلار بىلسىمۇ ياكى بىلمىسىمۇ، ئەيدىز بىلەن باغلىنىپ قالغان مۇناسىۋىتىمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، ئاغرىنماي، قاخشىماي، رىئاللىقتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچماي، پىسخىكا-پۇزىتىسىيە جەھەتتىن ئۆزىمىزنى تاۋلىشىمىز كېرەك. خۇددى يېڭى مېڭىشنى ئۆگەنگەن كىچىك بالىنىڭ يىقىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا يىقىلغان يېرىدىن قوپۇپ داۋاملىق ماڭغىسى كەلگەندەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولساقمۇ يەنە داۋاملىق ياشىغۇمىز بار. جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشنى خالىمايمىز. باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمىساقمۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشايدىغانغا ئامالىمىز يوق. يەنى جەمئىيەتتىنمۇ، كىشىلەر ئارىسىدىنمۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنمۇ ئايرىلالمايمىز. شۇڭا، تەغدىرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، باشقىلارنىڭ قارىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالماي، خۇددى ئاتتىن چۈشسەكمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمىگەندەك ياشاۋېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولساقمۇ بىز باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بەرمەيمىز. شۇنداقلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا باشقىچە قارايدىغانلارمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. پەقەتلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى چۈشەنمەيدىغان كۆزقارىشىغا ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ شۇ.

ھاياتلىقتا، ئادەمنىڭ تەغدىرى ھەر خىل بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر، قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر گاچا بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەرنىڭ پۇتى ياكى قوللىرى يوق بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ناھەقچىلىققا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ روھى كېسەلمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئاز بولمىغان ئادەملەر ئارزۇسىدەك ياشىيالماي قالىدۇ. بەزىلەر راك كېسىلى بولۇپ قاپتۇ، بەزىلەر بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىكەن دېگەندەك، ئازاپلىق، ئامالسىزلىق، قىيىنچىلىق كۈنلەرگە دۇچار بولۇپمۇ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر خىل يامان يوللاردا-ئوغرىلىق، ئەخلاقسىزلىق، قويمىچىلىق، ناشايان ئىشلار دېگەندەك ناچار نام-ئاتاققا ئىگە بولسىمۇ، يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى دېگەندەك نومۇس قىلىشنى خالىمايدىغان ھالەتتە ياشاپ يۈرۈيدۇ.

ئەيدىز كېسىلى يۇقۇملانغۇچىلارغا پىسخىكا ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇنداق بېسىمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى تەرىپى يەنىلا شۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆزلىرىدە بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار بۇ كېسەلدىن قورقۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سەرگۈرلىكىنى ئاشۇرىۋالىدۇ. چۈنكى، تاشقى ئامىلدىن ئىچكى ئامىل مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل روھى بېسىملارغا تۇتقان پۇزىتسىيەسى ئوخشىمايدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆز كېسىلىگە تۇتقان پۇزىتسىيەسى پەرىقلىنىدىغان ھەر خىل كىشىلەر بار. بەزىلەر ئەيدىز كېسىلىگە قان بېسىمى، دىئابىت دېگەندەك ئاستا خارەكتېرلىق كېسەل ھالىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئىزچىل ھالدا ۋىرۇسقا قارشى دورا يەپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلىۋېلىپ، ئۆزى يۇلۇقۇپ قالغان ئەيدىز كېسىلىدىن ئۇنچىۋالا ۋەھىمە يەپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك، ئادەم ئۆزى گىرىپتار بولۇپ ھەر قانداق كېسەلنى بەك ئويلىۋالسا، ئۆزىنىڭ روھى بېسىمىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزى پەيدا قىلىپ ئۆزى ئېغىرلاشتۇرىۋالىدۇ. دېمىسىمۇ، ئادەم ھەر قانداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا قاچان ساقىيارمەن، قانداق ساقىيارمەن، قايەردە ساقىيارمەن، ساقىيالارمەنمۇ-ساقىيالماسمەنمۇ دېگەندەك روھى بېسىملارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، جەمئىيەتتە قان بېسىمى، دىئابىت دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار ئەيدىزدىن يۇقۇمدارلىرىدىن ئاز ئەمەس. شۇڭا، ئەيدىز كېسىلىگە يۇلۇقۇپ قالغانلارمۇ ئۆزلىرىنى باشقا ئاستا خارەكتېرلىق كېسەلگە يۇلۇقۇپ قالغاندەك ئويلىيالىسا، ئۆز جىسمىدىكى كېسەلنى ئۇنچىۋالا ئالاھىدە ئورۇنغا قۇيۇۋالماي، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىك ئالامىتى بولمىغاچقا باشقىلارنىڭ مۇنداق قاراپلا بىلەلمەيدىغان كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماي، ئۇنچىۋالا سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەن پىسخىك كەيپىياتقا چۈشىۋالماي، ئۆزلىرى دېمىسە باشقىلار بىلمەيدىغان كېسەلنىڭ روھى بېسىمىدىن يىراق تۇرۇپ، كېسەلنى ئەمەس ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، دۆلەتنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ھەقسىز دورا تەمىنلەش سىياسىتىدىن ئوبدان بەھرىمان بولۇپ، تۇرمۇشىدىكى، ئائىلىسىدىكى، جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانق بۇرچ-مەسئۇلىيەتلىرىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋەھىمىگە ھەم ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى كەمسىتىشكە چۈشۈپ قېلىۋاتقان كەيپىيات-پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى قەدىرلەپ-ھۆرمەتلەپ، ئۆز كېسىلىنى ئۆزلىرى كەمسىتىپ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالماي، دوختۇرخانىلارغا بېرىپ نۇرمالنى تەكشۈرتۈش، دورا ئېلىش، داۋالىنىشنى نۇرمال ئەھۋال دەپ قارايدىغان پۇزىتسىيەگە ئادەتلىنىشى كېرەك.

قىسىقىسى، تورغا ئەيدىز توغرىسىدا يازغان ماقالەمنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ھالىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرغان توردىشىمىزغا دەيدىغان ئويلىغانلىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن. ئىشقىلىپ ھاياتلىقتا قانداق تەغدىرگە دۇچار بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر باتۇرلۇق بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىزنىڭ بىر يېنىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ، يەنە بىر يېنىمىزدا بالىلىرىمىزنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر