• يېڭى ماقالىلەر

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ «ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ «13-ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ» ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ» ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ.

8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23-ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ 《ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ «13-ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ» ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》(ﺗﯚﻩﻧﺪﻩ《ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ) ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ،  ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ (ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ) ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺧﭙﺎﺭﺍﺕ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﻛﯩﻨﻮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 13 ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﺎﮪﺎﺭﮔﯜﻝ ﺳﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ《ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ «13-ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ» ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》ﻻﮪﯩﻴﻪﺳﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯚﺗﯜﻟﺪﻯ، ﮪﻪﻡ ﮪﻪﺭ  ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﻯ.

 ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ《ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》ﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻮﺑﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻪﮪﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ:《ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «13- ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ» ﺩﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ «ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ» ﯞﻩ «ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ».

   ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ، ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ: ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ》ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ.

 ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ: ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯘﺷﻪﻗﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﮪﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ: ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ: ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ. ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ.

 ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ، ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ. ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر