يەسلىگە كىرەلمىگەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالا

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇ ئالتە يىل بۇرۇن بىرىنچى بالىسىنى تۇغىدىغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن بولۇپ، شۇ چاغدا دوختۇرلارنىڭ تەلەپ-تەۋسىيەسى بىلەن بالىسىنى ئۆز سۈتى بىلەن قەتئىي ئېمىتمىگەن بولغاچقا، بۇ بالىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانماي بىر ئوبدان چوڭ بولۇپ ھازىر ئالتە ياشقا كىردى. بۇ ئايالنىڭ ئېرى ھازىرغىچە يۇقۇملانمىغان بولۇپ، يولدىشىمۇ تازىلىققا ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان كىشى ئىكەن.

ئەسلىدە، بۇ ئەر-ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۇنجى تويى بولۇپ، ئايالى قەشقەردىن، ئەر كورلىدىن، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ ئولتۇرغىدەك ئۆيى يوق، ھەم ئائىلە قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، بالىلىق بولۇشنى كەينىگە سۈرۈپ يۈرۈپ، ئايال بويىدا قالغان بالىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ يۈرۈپ كىچىك خۇسۇسى دوختۇرخانىلاردا چۈشۈرىۋېتىش جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالدىم دەپ قارايدىكەن.

ئەمما، ئىككىنچى بالىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئىككىنچى بالىسىنى تۇغىدىغاندا ئىممىنۇتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن ھەم ئاياللار كېسىلى سەۋەبلىك، بالىسىنى ئېمىتمىگەن بىلەن يەنە يۇقۇملىنىپ قالغان. چۈنكى، ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدى ئالىدىغان  دورا يېگەن بولسىمۇ، ئەمما سېزىكى قاتتىق بولۇپ كەتكەنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ دورا رېئاكسىيە قىلغاندەك بولۇپ قىينىلىپ كېتىپ دورىنى يېمىگەن ئىكەن. بۇ ئايال ئىككىنچى بالىسى ئىككى ياشقا كىرگەندە ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىر دورا يەۋاتقىلى ئىككى يىل بولۇپتۇ. دېمەك، يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپ بۇ جەرياندا ئىككى بالىنى تۇغۇپ بولۇپ، تۆت يىلدىن كىيىن ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىشنى باشلىغان، ئانا يۇقۇملانغان ئەھۋال ئاسىتىدىمۇ چوڭ بالىسى يۇقۇملانماي، كىچىك بالىسى يۇقۇملىنىپ قالغان ئىكەن. بۇ ئايال چوڭ بالىسىنى ئۆزى تۇغقان بولۇپ، ئىككىنچى بالىسىغا كەلگەندە سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىكمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقان ئىكەن.

بىزنىڭ بۇ ھېكايىدىن خەۋەر تېپىشىمىزدىكى سەۋەب، مۇشۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان ئىككىنچى بالىنىڭ تۆت ياشقا كىرگەن مۇشۇ كۈنلەردىمۇ يەسلىدە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەر-ئايال نوپۇسىنى بىريەرگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشى قاتقان. ئەر قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىگە قارىغاندا كورلىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، شۇڭا جاھاندارچىلىق قىلىش پۇرسىتى كۆپرەك دەپ قاراپ نوپۇسىنى ئايالىنىڭ نوپۇسى بار ئورۇنغا يۆتكەشنى خالىمىغان، ئايال نوپۇسىنى ئېرى تۇرۇشلۇق كورلا تەرەپكە يۆتكەي دېسىمۇ، قېيىنئانىسى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە ئولتۇرىۋاتقان بولغاچقا، بۇنداق ئۆيدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نوپۇسىغا نوپۇس يۆتكەشكە بولمايدىكەن دېگەن سەۋەب بىلەن نوپۇسىنى ئېرى بىلەن بىللە قىلالمىغان. ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەتتا ئەر ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا تازىلىققا دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە ئەيدىز يۇقۇپ قېلىشتىن قورقماي ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ گاندۇن ئىشلىتىپ باقماپتۇ.

نۆۋەتتە، نوپۇس باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق توي خېتى بار ئەر-ئايال بولغاچقا نوپۇسىنى بىر ئورۇنغا بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئايال ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى قېيىنئانىسىغا ھازىرغىچە دېيەلمەپتۇ. ئەگەر قېيىنئانىسى كېلىنىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى، كىچىك نەۋرىسىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسە قانداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى بىلمەيدىكەن.

ھازىر بۇ ئايالنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ئىش ئۈچ، بىرى ئائىلە بويىچە نوپۇسىنى بىر ئورۇنغا يۆتكىيەلمەسلىك، تۆت ياشتىن ئاشقان بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزەلمەسلىك، ھەم مۇشۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىسىغا سۇيۇق ھالەتتىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئىچۈرسىمۇ بىئارام بولۇپ ئىچەلمەسلىكى ئىكەن.

مەسىلە مۇشۇنداق مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مۇنداق مەسىلە ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى. دېمىسىمۇ، ئەمدى تۆت ياشتىن ئاشقان بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى بىئارام بولۇپ ئىچەلمەسلىكىنى كىمدىن كۆرگىلى بولىدۇ! ئەگەر ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ۋاقتىدا ھەم ئىزچىل ئىچمىسە بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى كۆپىيىپ كېتىپ، ۋىرۇس سەۋەبلىك بالىنىڭ ئىممۇنېت ھۈجەيرىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بالىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپ بالىدا باشقا كېسەللىكلەر كېلىپ چىقسا بالا قىينىلىپ كەتمەسمۇ-ھە! ئەسلىدە بۇ بالا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئانا ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ بالىنى تۇغقان ئىدى. ئەمما، ئانا ئېغىر ئاياغ ۋاقىتتا ۋىرۇسقا قارشى دورىنى يېيەلمىگەن. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئانا ئۆزىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورا يېگەندىكى بىئارام بولۇشى بىلەن تۇغما ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنى تۇغۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ باقمىغان، ئانا ئۆزىنىڭ دورا يېگەندىكى ئازابىنىلا ئويلاپ بالىسىنىڭ قانداق تۇغۇلۇپ قېلىشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم ئانا ۋىرۇسقا قارشى دورا يېسە بىرنەچچە ئاي قىينىلىشى مۇمكىن بولغىيتتى ياكى دەسلەپتە بىر مەزگىل بەرداشلىق بەرسە كېيىن ماسلىشىپمۇ كېتەر بولغىيتتى. ئەمما، ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالا تۇغۇپ قويسا بالىسىنىڭ بىر ئۆمۈر دورا يېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاندەك تۇراتتى. دېمىسىمۇ، ئانا بولۇش ئاسان ئەمەس، ئانا بولۇش بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، ئانا بولۇش مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، مەسىلىنى يىلتىزىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. ئەگەر ئانا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ تۇغۇپ قويغان بولسا بالىسى ئالدىدا ئۆزىنى بۇنچىۋالا قەرزداردەك ھېس قىلىپمۇ كەتمەس بولغۇيتتى.

چۈنكى، بالا ئەيدىز سەۋەبلىك يەسلىگە كىرەلمىدى. كىچىك بالا يەسلىدە ئويناش جەريانىدا باشقا بالىلارنى تاتلىۋېلىشى، چىشلىۋېلىشى، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشى، يىغلاپ ياشلىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن يەسلى مەسئۇللىرى ھەم باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىلىق، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنىڭ يەسلىدە ئوقۇشىغا چەكلىمە كېلىپ چىقتى. ئەسلىدە بۇ بالىنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا يەسلىدە خۇشال-خۇرام ئوقۇپ-ئويناپ ئۆسۈپ يېتىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق باشقا بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ بىر بالىنىڭ ھوقۇقى چەتكە قېقىلدى. بالا ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەدەل تۆلىيەلمەسلىكى سەۋەبلىك مانا ئەمدى ئۆزى بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئانىنىڭ ئېغىر ئاياغ ۋاقىتتىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتىن قورقۇشى سەۋەبلىك مانا ئەمدى بالىنىڭ ئۇۋالچىلىقى باشلانغان ئىدى.

بۇنداق مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ يىلتىزى ئانىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەيدىز كېسىلى ئالدىدىكى بىلىم-چۈشەنچىسىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكى بولۇپ، ئانا چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى دورا يەپ ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىدى، بولمىسا سالامەتلىكى بۇنداق ئەھۋالدا بۇ بالىنى تۇغماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ گەپنى دېگەننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت بار بولغۇلۇق بالىنىڭ بېشىدا چۆرگىلەپ يۈرگەندەك، ئانا ئۆزىنىڭ ئازابى بىلەن بالىسىنىڭ بىچارىلىقىنى يۈدۈپ يۈرگەندەك. ئانا-بالىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ئۆزلىرىگە ئاز كېلىپ قالغاندەك، بالىنىڭ يەسلىگە كىرەلمەسلىكى ھەم ئانىنىڭ نوپۇسىنى ئائىلە بويىچە بىريەرگە ئەكىلەلمەسلىكى باش قېتىنچىلىققا ئايلانغان. چۈنكى، بۇ ئايال يە نوپۇس باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا كىرىپ «مەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان، نوپۇسۇمنى يۆتكەپ بېرىڭلار» دېيەلمىگەن. شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش ھەم بالىسىنىڭ داۋالىنىشى جەريانىدا يەرلىكتىكى بىر قىسىم تېببىي خادىملاردىن «نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان» دېگەندەك ھەم بىمەنە ھەم ھاقارەتلىك مۇئامىلىلەرگىمۇ ئۇچرىغان.

قىسقىسى، بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى بۇ ئايالنىڭ ئەيدىزنىڭ ئانا-بالا ئارا يۇقۇش خەتىرىگە سەل قارىغانلىقى شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۆزى گىرىپتار بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ مەزگىللەردە ئەيدىزنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ يەرلىكتىكى ئاساسى قاتلام ئورۇنلىرىدا ئاجىزراق ھالەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۆزەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ بىرىنچى بالامنى ساق تۇغۇپ چوڭ قىلدىم، ئەمدى ئىككىنچىسىمۇ ھىچنېمە بولماس دېگەندەك تەلەي سىناش ھەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئوينىشىش پۇزىتسىيەسىنىڭ ئاقىۋىتى دېمەي تۇرالمايمىز.

يەنە شۇنداق بىر مەسىلە مەلۇم بولۇپ تۇرىدىكى، توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەپلىك ئاللىقاچان تۆرۈلۈپ بولغان بالىسىنى ئەرزان باھادا بالا چۈشۈرىدىغان خۇسۇسى دوختۇرخانىلاردا چۈشۈرۈپ يۈرۈشى ئۇلارنىڭ جىنسى ساۋاتسىزلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ھازىرچە بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىغانلار ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. دېمىسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ قوسىقى كۆزىنى يۇمۇپ قۇيۇپلا بالا ئۈندۈرۈپ قۇيۇپ خالىغانچە چۈشۈرىۋېتىدىغان ئەسكى تاغار ئەمەس! توي قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ ھامىلدار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بۇنچىلىك ساۋادىنىمۇ بىلمەسلىكى ھەم ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ھاياتىنى ئويلىيالماسلىقى ئىختىيارسىز كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ، بىز بۇنى زامانغا يىتىشىپ ماڭالمايۋاتقان بىپەرۋالىق دېمەي تۇرالمايمىز. شۇنداقلا، خۇسۇسى دوختۇرخانا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك بولغان ئورۇنلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى، كەسىپچانلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

جۈملىدىن، «بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەمنىڭ شورى» دېگەن گەپ بار. شۇڭا، ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەپلىك مانا مۇشۇنداق ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىق سەۋىيەرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەك. «بىلگىنىڭدىن كۆپتۇر بىلمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمۈگىنىڭ» دېگەندەك، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىق سەۋىيەرىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشمىساق، مانا مۇشۇنداق ئەيدىزدەك پالاكەتچىلىككە يۇلۇقۇپ قېلىشىمىزنى باشتىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. كىشىلىك مەسىلىلەر مەڭگۇ «چاۋاكنىڭ ئىككى قولدىن چىقىشى»غا ئوخشايدۇ. دېمىسىمۇ، ئۆزىمىز بىغەم يۈرسەك باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قالىمىز. ئۆزىمىزنىڭ غېمىنى ئۆزىمىز يېمىسەك باشقىلارنىڭ ئاساسەن بىزنىڭ نېمە بولۇشىمىز بىلەن كارى بولمايدۇ.

ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئامالسىزلىققا مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچار بولىۋاتىدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق ئادەم ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلگە ئىلىنىشىپ قېلىشتىن قاچىدىغان بولغاچقا، باشقىلار يۇقۇم مەنبەسى ھېساپلىندىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتىدۇ. شۇنداقلا  ئەيدىز نۆۋەتتە ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايۋاتىدۇ ھەم ئادەملەرنىڭ ناھايىتى مۇھىم مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بىلىپ-بىلمەي يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا جەمئىيىتىمىزمۇ  ئەيدىز كېسىلىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلالايدىغان ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ يۈزلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى بەش-ئون يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن پەرقلىنىۋاتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىگە توغرا قاراشتا يۈزلىنەلەيدىغان جەمئىيەت كۆز ئالدىمىزدا كۆرىنىۋاتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر