بىخەتەرلىك قاپچۇقى يەنى گاندونمۇ مۇسۇلمانچە بولامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇ تېمىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. مەن پەقەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان گاندۇن دېگەن گەپنى قىلدىم. ئەمەلىيەتتە، گاندۇننىڭ ئەيدىزدىن باشقا جىنسى كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدىغان رولى بولىدۇ، شۇنداقلا گاندۇن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.  ھازىرقى بالىلىق بولالمايۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز دەۋاتقان داۋالاش-دورا ئېلانلىرىنىڭ نۇرمالنى ئەھۋالغا ئايلانغانلىقىغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىقتىن ساقىلىنىش قاپچۇقىنىڭ (گاندۇننىڭ) گېپىنى قىلىش  بالىلىق بولالمايۋاتقانلارنىڭ قۇلىقىغا خوشياقماسلىقى مۇمكىن.

دېمەك، ئەيدىز دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل. ئەيدىز مۇسۇلمانچە ياكى يەنە بىرنېمىچە كېسەل بولمىغاندىكىن، ئەيدىزنىڭ جىنىسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىدىغان گاندۇننى مۇسۇلمانچىمۇ دەپ سوراشنى زامانىۋى نادانلىق، دىنىي ئەسەبىي قاراش دېمەي تۇرالمايمىز.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىشىلەردىن چوقۇم گاندۇن ئىشلىتىشنى تەشەببۇس-تەلەپ قىلغاندا، بىرەيلەن «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» ھالدا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر سۇئالنى سورىغان. «گاندۇن مۇسۇلمانچىمۇ؟»...

بۇنداق بىمەنە سۇئالغا، جىنسى مۇناسىۋەت مۇسۇلمانچىمۇ، ئەيدىز مۇسۇلمانچە يۇقامدۇ دەپ ئاچچىق سۇئال بىلەن جاۋاپ بېرىش كېرەكمۇ!؟

بۇ سېپى ئۆزىدىن مۇسۇلمانچىلىقنى چۈشەنمەيدىغان، مۇسۇلمانچىلىقنى كېڭەيتىۋېتىش قارىشى بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر دوختۇرخانىنىمۇ، قاتناش ۋاستىلىرىنىمۇ، كېيىم-كېچەكلەرنىمۇ، ھەتتا ئادەملەرنىمۇ مۇسۇلمانچە قارىشى بىلەن پەرىقلەندۈرىدىغان قالاق كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. خاتا ئىدىيەنىڭ، توغرا بولمىغان قاراشنىڭ قۇلىغا ئايلانغان كىشىلەر مۇشۇنداق دەۋىرگە ماس كەلمەيدىغان تەپەككۇردا جۆيلۈپ يۈرۈشى مۇمكىن.

گاندۇن (بىخەتەرلىك قاپچۇقى) جىنسى مۇناسىۋەتتە ساغلاملىك، بىخەتەرلىك ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ناھايىتى ئەپچىل بىر تۇرمۇش بويۇمى. مۇسۇلمانچىمۇ دەپ ئايرىيدىغان ھەرگىزمۇ يەيدىغان نەرسە ئەمەس. ساغلاملىقمۇ، كېسەللىكمۇ مۇسۇلمانچە دەپ ئايرىلمايدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، بېكىنمە تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ قارىشىنى دۇنيا بىلەن سىغىشتۇرمايدىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قارىشىنى مۇشۇنداق ئىدىيە مۇستەبىتلىكىگە، ئايرىم گۇرۇھۋازلىققا ئايلاندۇرىۋالىدۇ.

گاندۇن دېگەن ئۆزئارا جىنسى مۇناسىۋەتتە ھەر خىل ئەھۋاللانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ قاپچۇق. دېمەك، مۇشۇ نەرسىگىمۇ باشقىچە ئوي-خىياللاردا بولۇش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئاشقۇنلىقىدا قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

دۇنيا ئەھلى ھەر خىل ئىرىق، مەدەنىيەت، ئىدىيە-ئېتىقادلارغا ئايرىلىپ قالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش ئىنسان. ئوخشاش تۇغۇلىدۇ، ئوخشاش جىنسى ئالاقىدە بولىدۇ، ئوخشاش چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىدۇ، ئوخشاش ئۇخلايدۇ، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ كۆزى ئوخشاش كۆرىدۇ، قۇلىقى ئوخشاش ئاڭلايدۇ، پۇتى بىلەن ئوخشاش ماڭىدۇ، ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىدۇ. دۇنيادا قۇياش ئوخشاش شەرىقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەرىپكە پاتىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر سوتكا ۋاقتى ئوخشاشلا 24 سائەت. دۇنيادىكى ئىنسانلار مۇشۇ يەر شارىدىن ئوخشاشلا نەپەس ئالىدۇ. تەبىئەتنىڭ سۈيىنى ئوخشاش ئىچىدۇ. دېمەك، ئىنسانلار يەر شارىدا ئورتاق ياشايدۇ.

شۇڭا، ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان گاندۇننى مۇسۇلمانچىمۇ دەپ ئويلىۋېلىش ھەقىقەتەن كۈلكۈلۈك ھەم ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گاندۇننى چۈشەنمەيدىغان، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ھىس قىلالمايدىغان، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى بولمىغان كىشىنىڭ بىمەنە تەپەككۇرىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

گاندۇن مۇسۇلمانچە بولامدۇ؟ تەپەككۇرى ياۋاى كىشىلەر مۇشۇنداق ئويلايدۇ. گاندۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قوغدايدىغان ساغلاملىق ھىچنېمىچە بولمايدۇ، بەلكى ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ساغلام كاللا بۇنداق ئويلىمايدۇ، ساغلام تەپەككۇر بۇنداق پىكىر قىلمايدۇ. تەپەككۇرى ئوچۇق ئادەم ئىنسانىيەت بىلەن ئوخشاش ئويلىيالايدۇ. ئىدىيىسى بىكىنمىچىلىكتە قالغان ئادەم ئىنسانلارغا ئايرىمچىلىق بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 دېمىسىمۇ، گاندۇن جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق، بولۇپمۇ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىنكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇنداقلا، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ يات جىنىسلار ۋە ئوخشاش جىنىسلار ئارا جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشى ئاساسلىق تارقىلىش ئەھۋالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزئارا جىنسى مۇناسىۋىتى يۇقۇملۇق ئەيدىز تارقىلىدىغان  ئەمەس، بەلكى تەبئىي ھەم توغرا بولمىغان مۇناسىۋەت ئىدى. ئەمما، ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن جىنسى ئالاقە قىلغاندا قارشى تەرەپكە مانا مۇشۇ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۇپ قۇيىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەيدىزدەك ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان ھەم يۇقۇشچان كېسەل ئالدىدا ھەر كىمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەم باشقىلارنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەتكە چاپلاشقان ئەيدىز ئالدىدا كىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا پەقەت گاندۇن ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتتە قارشى تەرەپكە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  

نىكاھ سىرتىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكمۇ، ياكى خۇددى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئىشلتىدىغان گاندۇننى  يەپ-ئىچىدىغاندەك گاندۇننىڭ ئېتىقادىنى ئايرىش كېرەكمۇ! گاندۇن ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىگە كىرىپ كېتىپ ھەزىم قىلىنىدىغان، ئادەم بەدىنىگە سىڭىپ كېتىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئادەملەر جىنسسى مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ئىشلىتىپ، جىنسى ئىستىگىنى قاندۇرۇپ بولغاندا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىدىغان نەرسە. جىنسى ئالاقە قىلغاندا گاندۇننى ئىشلىتىش دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاستىسىگە ئايلانغان بولۇپ، گاندۇن ئىشلىتىشنىڭ ئەزەلدىن ئىرىق، مەدەنىيەت، ئېتىقاد چەكلىمىسى يوق. شۇنداقلا، ئەر-ئاياللار ئارا جىنسى مۇناسىۋەتنىڭمۇ ئىرىق، مەدەنىيەت، مىللەت، ئېتىقاد پەرقى بولمايدۇ. كىم كىمنى ياخشى كۆرسە، كىمنىڭ كىمگە كۆڭلى بولسا ئىرقى، دولىتى، مىللىتى، ئېتىقادىغا قارىماي شۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ياكى ئۆزلىرى خالاپ جىنسى ئالاقىدە بولۇش نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى نۇرمال ئىش ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گاندۇننىڭ ئاتالمىش «مۇسۇلمانچە»لىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەدەنىيەتنى مەسخىرە قىلىدىغان ياۋايىلىققا ئوخشاپ قالىدۇ.

قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ قالايمىقان جىنسى تۇرمۇشىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گاندۇن كەم بولسا بولمايدىغان يانچۇقتىكى پۇلدەك مۇھىم نەرسە ھېساپلىنىدۇ. دېمىسىمۇ، يانچۇق قۇرۇق بىريەرگە ئوينىغىلى بارغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا نىكاھ سىرتىدىكى ھەم قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلەتمەي ھىچنېمە بولمايمەن دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئەمەس دېگۈچىلەر ئەگەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنى، يانچۇقتا پۇل بولمىسا جان باققىلى بولمىغاندەك، توي قىلماي تۇرۇپ شۇغۇللانغان ھەم نىكاھ سىرتىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلەتمەسلىك ئەيدىزگە ئاسانلا پۇتلاشتۇرىشى مۇمكىن.

دېمەك، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى مۇشۇنداق مۇھىم بولسىمۇ، «گاندۇن مۇسۇلمانچىمۇ؟» دەپ سوراش كاللىسى ئىدىيە ئەخلەتلىرى بىلەن توشۇپ ئادەمنىڭ پىكرىدۇر. شۇنداقلا، گاندۇن مۇسۇلمانچىمىدۇ دەپ ئويلىۋېلىش جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلەتمەسلىكنىڭ باھانىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسى بارلارنىڭ ئايالى قوساق كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇپ قېلىپ، ئانا-بالىنى جازالاپ بالا چۈشۈرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.  تېخى ئۆيلەنمىگەن ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر قالايمىقان جىنسى ئالاقىدە بولۇشۇپ، گاندۇن ئىشلىتىشنى ئاتالمىش ئاشقۇن ئىدىيەسىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن توغرا تاپمىغاچقا ھەر خىل جىنسى كېسەللىكلەرگە، ھەتتا ساقايماس ھەم يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلىگە دۇچۈر بولۇشى مۇمكىن.

ئىدىيە ئادەمنى باشلاپ ماڭىدۇ، توغرا ئىدىيە ئىلغارلىققا يېتەكلەيدۇ، خاتا ئىدىيە پالاكەت-زۇلمەتكە باشلايدۇ. ئىدىيەسى ئازات بولمىغان كىشىلەر زامانغا يىتىشىپ-ماسلىشىپ ماڭالمايدۇ، بەلكى بېكىنمىچىلىك قىلىپ ئىلغار ئېقىمغا قارشى يولغا كىرىۋالىدۇ. دېمىسىمۇ، جىنسى مۇناسىۋەتكە ساغلاملىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گاندۇننىڭ ھالال-ھاراملىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېغىر دەرىجىدىكى قالاقلىق ھەم ئىدىيە قاراڭغۇلىقىغا مەھكۇملۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بۈگۈنكى ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر دۇنياسىدا، دۇنيا دۆلەتتىن ھالقىپ ھەمكارلىققا يۈزلىنىۋاتقان زاماندا، زامان ئىدىيە تەرەققىياتىقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقاندا،  گاندۇننى مۇسۇلمانچىمىدۇ دەيدىغان ئىدىيە كېسىلى زامان ئەھلىنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك. بۇنداق ئىدىيە كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئېچىنىشلىق مەسخىرىدۇر.

ئەيدىز مۇسۇلمانچە دەپ ئايرىلمايدىغان يەردە، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە يۇقۇش مۇمكىنچىلىك يۇقىرى بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان گاندۇننىڭ مۇسۇلمانچىمۇ-ئەمەسلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىدىيىۋى تۇنۇشنىڭ تۆۋەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق كېسەل ئىدىيە ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ، ئادەمنىڭ ئىدىيەسىدە كېسەل بولسا جىسمىغىمۇ كېسەل چاپلىشىدۇ. شۇنداقلا، ئادەمنىڭ ئىدىيەسى پاكىز بولسا جىسمىمۇ پاكىز تۇرالايدۇ. ئەيدىز ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدىن يۇقىدىغان ھەم باشقىلارغا يۇقتۇرىلىدىغان كېسەل بولغاچقا، قىلمىش شۇ ئادەمنىڭ ئىدىيەسىدىن پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ئادەم قانداق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە بېقىپ تاللىۋالىدۇ. دېمەك، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە ئەيدىز ھەم باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايىتى مۇھىم بولغان گاندۇننى ئىشلەتمەسلىككە «گاندۇن مۇسۇلمانچىمۇ» دەيدىغان ئىدىيە جەھەتتىن باھانە كۆرسۈتۈش كېسەل ئىدىيەنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ھەم ئەخمىقانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، گاندۇن ئادەتتىكى بىر نەرسە، ئەمما ئۇنى مۇسۇلمانچىمۇ دەپ ئويلاش ناھايىتى چوڭقۇر ئىدىيەنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە پاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

دەۋىرنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن تەپەككۇرنىمۇ ئېچىۋېتىش كېرەك. شۇنداقلا، تەپەككۇر ئاشقۇنلىقىغا، تەپەككۇر ئەسەبىلىكىگە قارىتا «كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە» دېگەن نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر ئىسلاھاتىغا يۈزلىنىش كېرەك. دېمىسىمۇ، ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى باشقىلار بۇراپ ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىپ كېتىدۇ، شۇڭا، باشقىلار بۇراپ كېتەلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئىلغار ئىدىيەگە تولدۇرۇپ توغرا يولغا سېلىش كېرەك.

جەمئىيەت ئەھلىنى تەربىيەلەش خۇددى ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا ئۇسۇلدا غايە-نىشانلىق قىلىپ بالا تەربىيەلىگەنگە ئوخشايدۇ. بالىنىڭ توغرا بولمىغان ئىدىيە-تۇنۇشلارغا كېلىپ قېلىشى ئارىلاشقان بالىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ يامان تەسىرىدىن بولىدۇ.

 ئەيدىز ئالدىدا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنايلى. توغرا يولدا ماڭمىغاچقا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاچقا، ھەم چۈشكۈنلىشىپ ھەم باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولماي، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يۇشۇرۇپ يەنە داۋاملىق باشقىلار بىلەن  جىنسى ئالاقىدە بولىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ بولۇڭ-پۇشقاقلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرىۋاتقانلىقى مەۋجۇت ئەھۋالدا، ھەر كىم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇپ، ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا گاندۇن ئىشلىتىشنى كەسكىن پۇزىتسىيە بىلەن تاللىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆزىنى ياخشى كۆرمەي ناشايان يوللاردا مېڭىپ يۈرۈپ ئەيدىز يۇقتۇرىۋالغانلار ھەم شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلار باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ. ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، «گاندۇن مۇسۇلمانچىمۇ» دەپ سورايدىغانلارمۇ نېمىنى ياخشى كۆرۈدىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار بولسا كېرەك. مۇشۇنداقلارمۇ قاتمال كاللىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى خالىماي ئۆزىگە ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە  ئەتراپىدىكى باشقىلارغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن.

ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇنۇشىدىكى نادانلىقنى، ئەسەبى قاراشنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە توغرا يولغا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر