ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىكى يېڭى يۈزلىنىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىكى يېڭى يۈزلىنىش: ياۋروپادىكى ياشانغان يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغۇچىلار كۆپەيمەكتە

ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ياۋروپادىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئارىسىدا، ئالتىدىن بىر قىسمى ئەللىك ياشتىن يۇقىرىلار بولۇپ، بۇ ياشتىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر يىلى %2.1 كۆپەيگەن.

تەتقىقات دوكلاتى 26-چىسلا نەشىر قىلىنغان مەلۇم ئەيدىز ۋىرۇسى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار 2004-يىلدىن 2015-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 ئەزا دۆلەت ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتلەردىكى 15 ياشتىن يۇقىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەھلىل قىلىنغان.

نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، 54 مىڭدىن ئارتۇق يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېشى ئەللىكتىن يۇقىرى بولۇپ، 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 312500 گە يەتكەن. 50 ياشتىن يۇقىرى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتىدە %17.3 ئىگەللىگەن.

31 دۆلەت ئىچىدە 16 دۆلەتتىكى ياشانغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى تېز ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيە، بىلگىيە، گىرمانىيە، ئىرلاندىيە، ئىسلاندىيە، لاتۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياشانغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە يەتتىسى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، ئەللىك ياشتىن يۇقىرى ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا دىئاگنوز قويدۇرىشى ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان. ئۇلار يۇقۇملانغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ھېس قىلىپ بىلەلمىگەن. بۇ تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلغان لالا تاۋۇسج مۇنداق دېگەن: ياشانغانلار ئاساسلىقى يات جىنىسلار ئارا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان.

بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يېڭى يۈزلىنىشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم ياشانغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ باشقا تارقىلىش ئۇسۇللىرىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن، بىر قىسىم داۋالاش خىزمەتچىلىرى ياشانغان يۇقۇملانغۇچىلاردىكى خەتەرنى تۆۋەن دەپ قارايدۇ. مۇناسىۋەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ئەللىك ياشتىن تۆۋەن ئاممىنى ئاساس قىلىدۇ.

لالا تاۋۇسج ياۋروپاغا مۇنداق تەكلىپ بەردى. ئومۇمىيۈزلۈك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئەيدىز بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، گاندۇن تارقىتىش، ھەم ياشانغانلارغا قارىتا ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش پۇرسىتىنى تەمىنلەش كېرەك.

ئاخباراتتا مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن يەرشارىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار 37 مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئافرىقا قاتارلىق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش باسقۇچى چەكلىمىلىككە ئىگە نامرات رايونلارغا تارقالغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر